فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇشىنىڭ جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇشىغا قاراپ،قوشۇمچىلارنىڭ ماس ۋارىيانتىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشىلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇشىلارنىڭ ماسىلشىشى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئوتتۇرسىدا بولىدۇ.
سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق تۈرى قوشۇلىدۇ . سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۈش جاراڭسىز بولسا قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز تۈرى قوشۇلىدۇ.
مەسىلەن:
تۇپراق+قا=تۇپراققا؛ تۇپراق+تىن= تۇپراقتىن
قىزىل-قىزلغا –قىزىلىدن-قىزىلغىنا
سال+غان =سالغان
كەت-كەتكەن....
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئۈزۈك تاۋۇشلانىڭ ماسلىشىش قائىدسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
1) «د،ب»تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر شۇنداقلا باشقا قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د،ب» تاۋۇشلىرى جانلىق تىلىمىزدا «ت،پ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز تۈرى قوشۇلىدۇ.
مەسىلەن:
مۇراد-مۇرادقا-مۇرادتىن
ئوكسىد-ئوكسىدقا-ئوكسىدتىن
مىكروب-مىكروبقا-مىكروبتىن
2) ئاخىرى « غ،گ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە « غ،گ» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلپ تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن «ق،ك» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. بۇ ھالدا سۆز ئاخىرىدىكى «غ،گ» تاۋۇشلىرى «ق، ك» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ.
مەسىلەن:
باغ+قا=باغقا
بەگ+كة=بەگكە
تۇغ+قا=تۇغقا
بوغ+قان=بوغقان
«فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
كېيىنكىسى : فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققاكېلىش قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى
- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
- بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى
- فونېتىكا -تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
- فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققاكېلىش قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى
- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى
- بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
- فونېتىكا -تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
- فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
- فونىما ۋە ۋارىيانت
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار