ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:24 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى

 

   1 .ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش“ئى،ئۇ،ئۈ“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر قىسىم ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئىككىنچى بوغۇم ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتقاتسا، ”ئى،ئۇ،ئۈ“تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

پەسىل+ى=پەسلى            جىسىم+ى=جىسمى                سىڭىل+ى=سىڭلى

 

قىسىم+ى=قىسمى               كۆڭۈل+ى =كۆڭلى                نەسىل+ى=نەسلى

 

ھۆكۈم+ى=ھۆكمى              ئورۇن+ى=ئورنى              ئوغۇل+ى=ئوغلى

 

ئۆمۈر+ى=ئۆمرى                 ۋاقىت+ى=ۋاقتى              ئىسىم+ى=ئىسمى

 

2.ئېنىقسىز كەلگۈسى زامان پېئىلىنىڭ ۋە پۈتكەن سۈپەتداشنىڭ سوراق شەكلى ئۈچۈن ”مۇ“ئۇلانمىسى قوشۇلغاندىن كىيىن ياردەمچى پېئىل ”ئىدى،ئىكەن،ئىمىش“لەر كەلسە،“مۇ“ئۇلانمىسىدىكى ”ۇ“تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

كېلەر+مۇ+ئىدى=كېلەرمىدى                  بارار+مۇ+ئىدى=بارارمىدى

 

ساتار+مۇ+ئىدى=ساتارمىدى                  تونۇغان+مۇ+ئىدى=تونۇغانمىدى

 

 

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

 

Ⅴئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى

 

1.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

1)ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئات+سا=ئاتسا(ئاسسا ئەمەس)

سات+سا=ساتسا(ساسسا ئەمەس)

ئاچ+قان=ئاچقان(ئاشقان ئەمەس)

قاچ+قۇن=قاچقۇن(قاشقۇن ئەمەس)

ئىچ+مەك=ئىچمەك(ئىشمەك ئەمەس)

چاچ+سا=چاچسا(چاشسا ئەمەس)

توش+سا=توشسا(توسسا ئەمەس)

قوش+سا=قوشسا(قوسسا  ئەمەس)

ساق+لا=ساقلا(ساخلا ئەمەس)

ۋاق+لىق=ۋاقلىق(ۋاخلىق ئەمەس)

كېرەك+لىك=كېرەكلىك(كېرەگلىك ئەمەس)

تۈۋرۈك+لۈك=تۈۋرۈكلۈك(تۈۋرۈگلۈك ئەمەس)

چىرايلىق+راق=چىرايلىقراق(چىرايلىغراق ئەمەس)

2) ”ق،ك،پ“تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ق،ك،پ“تاۋۇشلىرى ئىملادا ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ياتاق+ى=ياتىقى(ياتىغى ئەمەس)

ئاتاق+ى=ئاتىقى(ئاتىغى ئەمەس)

تىلەك+ى=تىلىكى(تىلىگى ئەمەس)

پىلەك+ى=پىلىكى(پىلىگى ئەمەس)

تەكلىپ+ى=تەكلىپى(تەكلىۋى ئەمەس)

ئارخىپ+ى=ئارخىپى(ئارخىۋى ئەمەس)

2.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى

جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز  ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى

 

باج_باجدا،باجغا،باجدىن

تار_تاردا،تارغا،تاردىن…..

ياز_يازدا،يازغا،يازدىن

تال_تالدا،تالدا،تالدىن….

نان_ناندا،ناندىن،نانغا،نانلار…

باي_بايدا،بايغا،بايدىن،بايلار…..

دۇتتار_دۇتتاردا،دۇتتارغا،دۇتتاردا،دۇتتارلار

تومۇز_تۇمۇزغا،تۇمۇزدا،تۇمۇزدىن…

قورغان_قورغاندا،قورغاندىن،قورغانغا،قورغانلار….

مۇقام_مۇقامدا،مۇقامغا،مۇقامدىن،مۇقاملار

تاڭلاي_ تاڭلايدا،تاڭلايغا،تاڭلايدىن…

قاراۋۇل_قاراۋۇلدا،قاراۋۇلغا،قاراۋۇلدىن…..

 

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى

 

داپ_داپقا،داپتا،داپتىن

بەت_بەتتە،بەتكە،بەتتىن

كەچ_كەچتە،كەچكە،كەچتىن

شاخ_شاختا،شاختىن،شاخقا…

داس_داستا،داسقا،داستىن…

تۆش_تۆشتە،تۆشكە،تۆشتىن…..

قاق_قاقتا،قاققا،قاقتىن….

تەك_تەككە،تەكتە،تەكتىن….

قۇرۇت_قۇرۇتقا،قۇرۇقتا،قۇرۇتتىن…

ئۇماچ_ئۇماچقا،ئۇماچتا،ئۇماچتىن…

نەققاش_نەققاشقا،نەققاشتا،نەققاشتىن…

كۇھىقاپ_كۇھىقاپقا،كۇھىقاپتا،كۇھىقاپتىن….

ئورۇندۇق_ئورۇندۇققا،ئۇرۇندۇقتا،ئورۇندۇقتىن…

ئەسكەرتىش:

① ”ب،د،ھ ”جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر جانلىق تىلدا جاراڭسىزلاشتۇرلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاچقا،مۇنداق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھېساب_ھېسابتا،ھېسابقا،ھېسابتىن،ھېسابى

كىتاب_كىتابتا،كىتابقا،كىتابتىن،كىتابى

ئىقتىساد_ئىقتىسادتا،ئىقتىسادقا،ئىقتىسادتىن،ئىقتىسادى

مۇراد-مۇرادقا،مۇرادتا،مۇرادتىن

پادىشاھ _ پادىشاھقا،پادىشاھتا،پادىشاھتىن

ئارامگاھ _ ئارامگاھتا،ئارامگاھقا،ئارامگاھتىن

② ”غ،گ“جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇشۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇلغاندا،ئىككى ئوخشاش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېيتىش تەلەپپۇزغا ئېغىرلىق كەلتۈرگەچكە،مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

باغ+قا=باغقا(باققا ئەمەس)

تاغ+قا=تاغقا(تاققا ئەمەس)

تۇغ+قان=تۇغقان(تۇققان ئەمەس)

ئەگ+كەن=ئەگكەن(ئەككەن ئەمەس)

تەگ+كەن=تەگكەن(تەككەن ئەمەس)

بەگ+كە=بەگكە(بەككە ئەمەس)

3.“ي“ئۈزۈك تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى

1)ئاخىرقى بوغۇمى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى سۆزلەرگە تەۋەلىك بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،قوشۇمچىنىڭ ئالدىدا“ي“تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ.ئۈچىنچى شەخستە ھەممىسىگە ئوخشاشلا ”سى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

پولۇ_پولۇيۇم،پولۇيۇڭ،پۇلۇسى

توخۇ_توخۇيۇم،توخۇيۇڭ،توخۇسى

چەيدۇ_ چەيدويۇم،چەيدويۇڭ،چەيدۇسى

ئىملا_ئىملايىم،ئىملايىڭ،ئىملاسى

2)“سۇ“سۆزى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، ”ي“تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ھەمدە ”ئۇ“ تاۋۇشى ”ئۈ“گە نۆۋەتلىشىدۇ.ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”سى“ئەمەس ”ى“قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

سۇ_سۈيۈم،سۈيۈڭ،سۈيى

3)رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن ”_ ىئا،_ىئو“ قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونىتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرلۇپ،مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش“ي“قوشۇلىدۇ ۋە ئىملادا شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پىيانىنو،رادىيو،دىيامېتىر،تىياتىر،دىيالوگ،ماتېرىيالىزىم،سوتسىيالىزىم،فىرازىيولوگىيە،دىيافراگما،ئاككوردىيون،دىيالېكىت……

 

مەشق

1.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئىملاسى توغرا بولغان سۆزلەرنى تېپىڭ.

(1)بىلەك

ئا:بىلىكى                                          ب:بىلىگى

(2)چىگ

ئا:چىگگەن                                      ب:چىگكەن

(3)سۇ

ئا:سۇيۇم                                        ب:سۈيۈم

(4)جەڭگاھ

ئا:جەڭگاھتا                                ب:   جەڭگاھدا  

(5)ياغ

ئا:ياققا                                         ب:ياغقا

(6)ئۈمىد

ئا:ئۈمىدتىن                                  ب:ئۈمىددىن

(7)ئەزا

ئا:ئەزايىم                                     ب:ئەزاىم

(8)مەكتەپ

ئا:مەكتىۋى                                    ب:مەكتىپى

(9)كەچ

ئا:كەشسە                                        ب:كەچسە

(10)كىتاب

ئا:كىتابقا                                         ب:كىتاپقا

2.تۆۋەندىكى تېكىستىنى ئوقۇپ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلگەن سۆزلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار.

 

ئالىيە يېڭى ئوقۇغۇچى.ئۇ بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ.ئۇنىڭ ياتىغى 2-قەۋەتتە. ئۇ قەشقەردىن كەلگەن بولۇپ،بۇ يەردە تۇغقىنى يوق.ئۇ كىتابقا بەك ئامراق.ئۇنىڭ كەسپى قوش تىللىق باغچە مائارىپى.شۇڭا ئۇ ھەركۈنى ئۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى باققا چىقىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا خەنزۇچە رادىئو ئاڭلايدۇ.ئۇ يەنە مۇزىكا چېلىشقىمۇ قىزىقىدۇ.ھازىر ئاككوردىئون چېلىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.ئىككىنچى يىللىخقا چىققاندا پىئانىنۇ ئۆگىنىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.ئۇ تامىغىنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن يەيدۇ.ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇل ئازراق ئاسسىلا ئۇنىڭغا كىتاب ئالىدۇ.


«سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى