ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:28 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى


ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتىنى فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلىسەك word=U+S+U+U)U=ئۈزۈك تاۋۇش،S=سوزۇق تاۋۇش) بولىدۇ. بىر سۆزنىڭ تەركىبىكىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ سانى شۇ سۆزنىڭ بوغۇم سانىغا تەڭ. ئەگەر ئۆزئارا خوشنا بولغان ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىدا بىر ئۈزۈك تاۋۇش بولسا، بۇ ئۈزۈك تاۋۇش كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە. ئەگەر ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بولسا، بۇ ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە، كىيىنكى ئۈزۈك تاۋۇش كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە. ئەگەر ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش بوپقالسا ،ئالدىنقى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە، كىيىنكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ. بوغۇمغا ئايرىش كونكېرت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك.
پۈتۈن سان تىپلىق سانلار گۇرپىسىدىن بىرنى ئىنىقلايمىز  Soz]N]. بۇ سانلار گۇرپىسىغا سۆز تەركىبىكىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورنىنى ساقلايمىز. N بولسا سۆزنىڭ بوغۇم سانى، بۇ سۆز تەركىبىكىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ سانىغا ئاساسەن ئېرىشىلىدۇ. بۇ سانلار گۇرپىسىنىڭ ئىندېكىسi  بولسا بوغۇمنىڭ تەرتىپ سانى .
ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ سانىنى Soz - Soz [i-1] ھىساپلايمىز.  i=1 دىن باشلاپ ئومۇمىي بوغۇم سانىغىچە دەۋىرلىنىدۇ.
ئەگەر Soz - Soz [i-1] نىڭ قىممىتى :
2 گە تەڭ بولسا: پەقەت بىرلا ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە.
3 كە تەڭ بولسا:  بۇ ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقى بىرسى ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە ،كىيىنكى بىرسى ئۈزۈك تاۋۇش كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە.
4 كە تەڭ بولسا:  ئالدىنقى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى بوغۇمغا تەۋە،كىيىنكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش كىيىنكى بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ.
باشقا قىممەت بولسا: بوغۇم قانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ.قايتىدۇ.
i=i+1 نى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ، تاكى بوغۇمغا ئايرىپ بولغىچە دەۋرلىنىدۇ.



«ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى