فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېگەن نېمە؟
ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنى ئايرىم تەلەپپۇز قىلىش ياكى قوشۇمچىلارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش جەريانىدا، سۆز ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئالمىشىپ كېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېيىلىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى جانلىق تىلدا كۆپ ئىپادىلىنىدىغان فونېتىكىلىق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.يېزىقتا ئىملا قائىدىسىگە ئاساسەن يېزىلىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
1) ئاخىرى « ق،ك،پ » ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا « ق » تاۋۇشى « غ » تاۋۇشى بىلەن،« ك » تاۋۇشى « گ » تاۋۇشى بىلەن، « پ » تاۋۇشى «ؤ» تاۋۇشى بىلەن نۆۋەتلىشىدۇ.بۇ خىل نۆۋەتلىشىش يېزىقتا ئىپادە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:
چاتاق- چاتىغى، تەلەپ- تەلىۋى، بىلەك- بىلىكى
2) « چ » تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە « چ » دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئولانغاندا، شۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى « چ » تاۋۇشى تەلەپپۇزدا « ش » بىلەن نۆۋەتلىشىدۇ، يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ.
ئاچ + قان = ئاشقان – ئاشتىم ...( يېزىقتا : ئاچقان ، ئاچتىم...)
ئۇچ- ئۇشلۇق-ئۇشتى ( يېزىقتا: ئۇچلۇق-ئۇچتى)
3) « ب ، د » بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى « ب ، د » سۆزگە قوشۇمچە قوشقاندا ۋە سۆزنىڭ ئۆزىنى تەلەپپۇز قىلغاندا « پ ، ت » بىلەن نۆۋەتلىشىدۇ، يېزىقتا ئىپادە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:
ئىقتىساد-ئىقتىسات-ئىقتىساتتىن
كىتاب-كىتاپ-كىتاپقا-كىتاپتىن-كىتاپلار
4) بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بىرىچى تەركىبى «م،ن» دىن باشقا بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان، ئىككىنچى تەركىبى «ب» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان ئادەتتىكى سۆزلەردە ئىككىنچى تەركىبىنىڭ بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى «ۋ» بىلەن نۆۋەتلىشىدۇ. بۇخىل ھادىسە ئىملادا ۋە تەلەپپۇزدا ساقلىنىدۇ. مەسىلەن:بەڭۋاش (بەڭباش ئەمەس)، قاقۋاش (قاقباش ئەمەس)، بەلۋاغ (بەلباغ ئەمەس)،كاتتىۋاش (كاتتىباش ئەمەس)
«فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر
ئالدىنقىسى : فونىتكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى
كېيىنكىسى : ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى
بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى
ئەڭ يېڭى تېمىلار
- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققاكېلىش قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى
- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
- بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى
- فونېتىكا -تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
- فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- فونېتىكا -ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
ئەڭ ئاۋات تېمىلار
- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققاكېلىش قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بوغۇم قانۇنىيىتى
- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى
- بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى
- فونېتىكا -تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
- فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى
- سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
- فونىما ۋە ۋارىيانت
ئەڭ تەۋسىيە تېمىلار
چوققىلانغان تېمىلار