ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

فونىتكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:22 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

فونىتكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى


«فونىتىكا»دىگەن بۇ ئاتالغۇ گرىىكچە سۆز بولۇپ، گرىكلارنىڭphonetikosسۆزىنىڭPHONE(تاۋۇش، ئۇن، جاراڭلىق)دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان، ھازىر تىلىمىزنىڭ «تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلدىغان پەن» دىگەن مەنىلەردە قولللىنىلىدۇ.

فونىتىكا مەلۇم بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى، تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى، شۇ تىلدا فونىما بولۇپ خىزمەت قىلدىغان تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىيانتى، تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، ئۆز ئارا ماسلىشىش قانونىيەتلىرى ھەم بۇ جەرياندا پەيدا بولىدىغان ھەر خىل تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى، تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇش ئالاھىدىلكىلىرى، فونىمىلىق ئۆزگىرىشلىرى، بوغۇم تۈزۈلۈش شەكىللىرى ۋە ئۇرغۇ، ئىنتوناتسىيە قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆگىتىدۇ.

دىمەك، فونىتىكا تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

فونىتىكا ئۆزىنىڭ كونكرىت تەتقىقات مەزمۇنىغا قاراپ يەنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.

ئومۇمىي فونىتىكا، بۇ بارلىق تىللارنىڭ سىستىمىسى ئۈچۈن ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان مەسىللەرنى، يەنى تىل تاۋۇشلىرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسلىرى، تاۋۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشى، بىرىكشى ۋە ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرى، تاۋۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۇرغۇ، ئىنتوناتسىيە ۋە ئۇنىڭ رولى، ئۆزگىرىشلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى تەتقىق قىلىدۇ.

كونكرىت تىللار فونتىكىسى، بۇنىڭدا ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇش سىستىمىسى تەتقىق قىلنىدۇ. بۇۈ ئومۇمىي فونىتىكىلىق كونكرىت تىللارنىڭ تاۋۇش سىستىمىسغا تەتبىق قىلنىشى بولۇپ، بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى شۇ تىلنىڭ ئايرىم فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىتىبار بىرىلگەن ئاساستا نوقتىلىق بايان قىلنىدۇ. كونكرىت تىللار فونىتكىسى يەنە ئۆز ئىچىدىن تارىخىي فونىتىكا ۋە تەسۋىرىي فونىتىكا دىگەن ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ.

تارىخىي فونىتىكا مەلۇم بىرتىلنىڭ تاۋۇش سىستىمىسىدا ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا تەدىرىجى يۈز بەرگەن ھەر خىل ئۆزگىرىلەرنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانونىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

تەسۋىرىي فونىتىكا مەلۇم بىر تىلنىڭ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچىدىكى (ئاساسەن ھازىرقى زاماندىكى) فونىتىكىلق  ئەھۋالىنى، يەنى شۇ مەلۇم دەۋىردىكى تاۋۇش سىستىمىسى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيتى قاتارلىقلارنى تۇرغۇن ھالەتتە تەسۋىلەيدۇ،ئەممە ئۇ تاۋۇشلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋتىگە خاس قانونىيەتلىرنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى ھالىتنى تۇرغۇن ھالەتتە تەتقىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتدىكى ئالاقىدا ھادسىلەرگىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ.شۇڭا تارىخىي فونىتكا بىلەن تەسۋىرى فونىتكا ناھايتى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

سىلىشتۇرما فونىتىكا.بۇنىڭدا سىلشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىككى ياكى كۆپ خىل تىلنىڭ فونىتكىسدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر، شۇنىڭدەك تىللار ئوتتۇرسىدىكى فونىتىكلىق ماسلىق قانۇنىيەتلەر تەتقىق قىلنىدۇ.

ئەمىلى فونىتىكا. بۇ فونىتىكا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە پەن – تىخنىكا ساھاسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل مەسىللەرگە تەتبىقلاشنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى تىل تاۋۇشلىرنىڭ ئەمىلى قوللىنىش نىسپىتىنى ئىستىمال زۆرۈريىتى ئاساسىدا تەتقىق قىلىدۇ.

تەرجرىبە فونىتكىسى.بۇ ھەر خىل مۇرەككەپ تەرجرىبە سايمانلىرى ئارقىلىق تىل تاۋۇشلىرنىڭ فزولوگىيلىك ئاساسىي، فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يىزىىش، سۈرەتكە ئىلىش ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىدۇ.

فونىتىكا يىقىنقى زامان پەن تىخنىكىسنىڭ راۋاجلىنشى، كىشىلەرنىڭ تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدىكى تونۇشى ۋە تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ نورغۇن تارماق پەنلەرگە بۆلۈنۈش بىلەنلا قالماي، باشقا پەنلەر (فىزىكا، پىسخولوگىيە) بىلەنمۇ بىرلەشتۇرلۈپ تەتقىق قىلنماقتا.

فنىتكا ئىلمىنى ئۇگىنىش ۋە تەتقىق قىلش تىلنىڭ لىكسىكا ۋە گرامماتىكا قىسملىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر، مورفىمىلارۋە گرامماتكىلىق شەكىللەر تىل تاۋۇشلىرى بىلەن ئىپادىلنىدۇ. تىل تاۋۇشلىرىسىز ھەر قانداق بىر سۆزىنىڭ ۋە گرامماتكىلىق شەكىللەرنىڭ ئىپادىلنىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تىل تەتقىقاتىدا تىلنىڭ لىكسىكىسى بىلەن گرامماتكسنى تەتقىق قىلىش قانچە مۇھىم بولسا ، تىلنىڭ ماددى ئاساسىي بولغان تىل تاۋۇشلىرىنى تەتىقى قىلىشمۇ شۇنچە مۇھىم. چۈنكى فونىتىكا ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىللىمەي تۇرۇپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ھم مۇھىم گرامماتىكىلق قائىدىلەرنى تىلمىزنىڭ ئەمىيلىتىگە تەدىبىقلارپ توغرا چۈشىنىش، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدىكى ئەمەلىي مەسىللەرنى قائىدىگە ئۇيغۇن،مۇۋاپىق ھال قىلش مۇمكىن ئەمەس .شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تىلنىڭ باشقا قىسملىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىىق قىلشتىن ئاۋال شۇ تىلنىڭ فونىتىكا قىسمىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تاۋۇش سىستىمىسى بىلەن تونۇشۇش تىخىمۇ زۆرۈر.



«فونىتكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى