رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1120 قېتىم كۈرۈلدى
ئەھمەد نىجات:«11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ باھانىسى» دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

سىنا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «press tv» تور بېكىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى سالىھى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئىران دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر كۈچلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، چىرايلىق سۆز-ئىبارىلەر ۋە ئۇقۇمدىكى تىزگىنلەش بىلەن يەرشارى خاراكتېرلىك جامائەت پىكرى پەيدا قىلىۋاتىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«قانۇنلۇق قارشى تۇرۇش بىلەن تېررورلۇقنىڭ پەرقى بار، ئەمما غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر يەنىلا كۈچلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، يەرشارى خاراكتېرلىك جامائەت پىكرى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستانغا قىلغان بارلىق ھۇجۇم ۋە ئەسكىلىكلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار مۇشۇ نامدا قانچىلىك جىنايەت سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئۆزى بىلىدۇ». ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:«ئىران مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«بۇنداق يېغىننى تەشكىللەش بولسا غەربنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇقۇمىغا جەڭ ئېلان قىلىش».
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:«دۆلەت كاتتىۋاشلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئىران زۇڭتۇڭى نىجات ئەھمەد ‹11-سېنتەبىر› ۋەقەسى بولسا غەربلىكلەرنىڭ ‹تېررورچى›لارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىكى باھانىسى. ئۇلار مۇشۇ باھانە بىلەن ئىراق ۋە ئافغانىستاننى ئىگىلىدى، بۇ جايلاردا ۋەھشىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى. شۇ جايلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ، خانىۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى».

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203