رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز بازارلىرىدىمۇ ماي باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

تۈنۈگۈن چۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى  چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى تەييار ماي جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ھەرقايسى تەييار مايلارنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئۆتكەن ئايدىكىدىن ھەر توننىسى 300 يۈەن چۈشكەن.
     شەھەر ئاھالىسى لىيۇ ئەپەندىم مۇخبىرغا، شۇ كۈنى كەچتە لىيۇ ئەپەندىم نەنئەن رايونى شاڭشىن  كوچىسىدا ماشىنىسىغا بېنزىن قاچىلىغاندا، 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرى ئەسلىدىكى 7.59 يۈەندىن، 7.49 يۈەنگە چۈشكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، يەنە تېخى ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى خادىمنىڭ ئۇنىڭغا ئەگەر قاچىلىغان ماينىڭ سوممىسى 100 يۈەندىن ئاشسا ، بىر قۇتا مىنىرال سۇ سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
    شاپىڭبا رايونلۇق نىفىت تەييار مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بېنزىن باھاسى يەنىلا ھەر توننىسى 9550 يۈەنلىك يۇقىرى ئورۇندا مۇقىم بولغان. بىراق 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن بويان، خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم نىفىت تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلىغان. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ماي باھاسى ھەر ئۈچ كۈندە بىر، بەش كۈندە بىر چۈشۈپ تۇرغان. 20 نەچچە كۈن ۋاقىت ئىچىدە، نىفىت تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 300 يۈەنگە يېقىن چۈشكەن.
     ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ چۈشىشىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەبى، خەلقئارا ئىنىرگىيە جەمئىيىتىنىڭ 60 مىلىيۇن تۇڭ نىفىت زاپىسىنى خەلقئارا نىفىت بازىرىغا كىرگۈزۈپ، نىفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ كېتىشىنى توسۇيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خەۋەر  تارقىلىشى بىلەن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەلقئارادا ماي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشتى.
     ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھىرىدە پۈتۈن بازاردىكى ئەڭ تۆۋەن باھالىق ماي قاچىلاش پونكىتى دەپ نام ئالغان بەيشىيى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى:« خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ماي باھاسى ئۆسمەيدۇ. گەرچە ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدە، ماي باھاسى ئۆزسۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېلەر ئايدا ماي باھاسىنىڭ يەنە داۋاملىق چۈشۈشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ».

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203