نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 631 قېتىم كۈرۈلدى
جېجياڭ رۈيئەندە يول پارتىلاپ كېتىپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس زىيانغا ئۇچىرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -20
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى رۈيئەندىكى بىر تاش يولدا تۇيۇقسىز پارتىلاش يۈز بەرگەن ، پارتىلاشتا 10 مېتر چوڭقۇرلۇقتا ئورەك پەيدا بولۇپ قالغان ، نەق مەيداندا ۋەقە سادىر بولغاندا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئورەككە پېتىپ قېلىپ 4 مېتر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ، شوپۇر ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان .

شۇ يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، 16 - چېسلا رۈيئەندىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى تۇيۇقسىز پارتىلاپ كەتكەن بۇ پارتىلاش بىلەن تەڭ ئەتراپتىكى بىر تاشيولمۇ پارتىلاپ كەتكەن . ئتپتىلاشتا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس 10 مېتر چوڭقۇرلۇقتا ئورەك پەيدا بولۇپ قالغان ، بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئورەككە پېتىپ قېلىپ 4 مېتر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ، شوپۇر ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان .بەخىتكە يارىشا ماشىنىنىڭ ئىچىدە شوپۇردىن باشقا ئادەم يوق ئىكەن .

پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئورەك قاتناش يولىنى ئۈزۈپ قويغان ، بۇ يولدىن ئۆتىدىغان نۇرغۇن ماشىنىلارنىڭ قاتنىشىنى توختىتىپ قويغان . ھازىر ساقچى تەرەپ نەق مەيداندىكى خەتەرنى كونتورول قىلىپ ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ جىددىي ئېلىپ بارماقتا .

ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئالاقىدار ئورگانلار تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرىۋاتىدۇ

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش