نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 8453 قېتىم كۈرۈلدى
قاراماي نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت 300 مىليون توننىدىن ئاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnsphoto.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

2012- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى ئۇچۇر: 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، قاراماي 1- نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت- گاز چىقىپ، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭنىڭ نېفىت سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

1960- يىلى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليون 660 مىڭ توننىغا يېتىپ، شۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %40 تىنى ئىگىلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بايقالغان 1- چوڭ نېفىتلىككە ئايلاندى. نېفىتلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش دائىرىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىدىن پۈتۈن جۇڭغار ئويمانلىقى ھەتتا پۈتۈن شىمالىي شىنجاڭغىچە كېڭەيدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 30 نېفىتلىك، گازلىق بايقالدى، 29 نېفىتلىك، گازلىق ئېچىلدى. 2002- يىلى يىللىق خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ، غەربىي رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ 10 مىليون توننىدىن ئاشقان چوڭ نېفىتلىككە ئايلاندى. خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 1981- يىلىدىن بۇيان ئۇدا 29 يىل سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. نۆۋەتتە، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ يىللىق خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 10 يىل 10 مىليون توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

50 نەچچە يىللىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ئارقىلىق، 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئومۇمىي خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 300 مىليون توننىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 306 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتتى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203