رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 2696 قېتىم كۈرۈلدى
سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پاراۋانلىق ئۆيلىرىدىن بەھىرلىنەلەمدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 زەرىپە ئەھەد، ئېلنارە ئېلشات

 ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا ئۆي ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، ئۇنداقتا جامائەت ئىجارە ئۆيى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان، قولاي ئۆي قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟ بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ئىشخانىسى ئەرزان، قولاي ئۆي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ يۇڭجۈننى زىيارەت قىلدۇق.

  مۇخبىر: ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانداق؟

    جياڭ يۇڭجۈن: ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي نوپۇسىدا بولۇشى، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي نوپۇسىدا بولغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدىكى قانۇن بويىچە بېقىش – بېقىۋېلىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەنلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 650 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى، تۇرالغۇسى يوق ياكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

   مۇخبىر: ئەرزان، قولاي ئۆينى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانداق؟

   جياڭ يۇڭجۈن: ئەرزان، قولاي ئۆينى ئىلتىماس قىلغۇچى ھەم ئورتاق ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي نوپۇسىدا بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ بىرەيلەننىڭ شەھىرىمىزنىڭ دائىمىي نوپۇسىدا بولغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە قانۇن بويىچە بېقىش – بېقىۋېلىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ بولىدۇ. ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 1530 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى، تۇرالغۇسى يوق ياكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆي كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

   مۇخبىر: جامائەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانداق؟

   جياڭ يۇڭجۈن: جامائەت ئىجارە ئۆيىنى ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئائىلىلىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكىلەر تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسىدا بولۇشى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 1530 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى، تۇرالغۇسى يوق ياكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆي كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى، تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي ئىسلاھاتى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان بولۇشى كېرەك.

   مۇخبىر: يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

   جياڭ يۇڭجۈن: يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىغان بولۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسىدا بولۇشى ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرگەن بولۇشى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ياكى كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگىنىگە بەش يىل بولمىغان بولۇشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولۇشى، توختام تۈزۈپ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆيى بولماسلىقى ھەم جامائەت ئىجارە ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرمىغان بولۇشى كېرەك.

   مۇخبىر: سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

   جياڭ يۇڭجۈن: سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرگەن بولۇشى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولۇشى، ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولۇشى ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان بولۇشى، ئۆيى بولماسلىقى ھەم جامائەت ئىجارە ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرمىغان بولۇشى كېرەك.

   مۇخبىر: ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى قانداق؟

   جياڭ يۇڭجۈن: ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىغان ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەيلەن نوپۇسى تۇرۇشلۇق ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى تىزىملاتقان مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ، ‹‹ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى›› ۋە ‹‹ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى ئىلتىماس قىلىش ۋەدىنامىسى، ھوقۇقنامىسى››نى ئېلىپ تولدۇرۇشى، جەدۋەلگە تامغا ئۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىشقا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى(ئۈچ نۇسخا) بىلەن بىللە مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. كوچا باشقارمىسى ياكى بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە كىرىمى، تۇرالغۇ ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشنى 15 كۈن چاپلاپ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. رايون، ناھىيە دەرىجىلىك تۇرالغۇ كاپالىتى تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرگە ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى كىنىشكىسى›› بېرىدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203