رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1248 قېتىم كۈرۈلدى
يات جىنس بىلەن يۈز يېقىشقان ئىرانلىق ئايال ئارتىس كەچۈرۈم سورىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 25- ماي خەۋەر قىلىشىچە، «بىر قېتىملىق ئايرىلىش» ناملىق كىنونىڭ ئايال باش رولچىسى، ئىرانلىق ئايال ئارتىس لېيلا ھاتەمى گاننېس كىنو فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، فېستىۋالىنىڭ رەئىسى گىللېس جاكوب بىلەن مەڭزىگە سۆيۈشكەنلىك ئىشى ئۈچۈن، يېقىندا بۇ ئارتىس بايانات ئېلان قىلىپ ئىران خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغان، بىراق ئۇ بۇ ئىشتىكى مەسئۇلىيەتنى رەئىس گىللېس جاكوبقا ئارتىپ قويغان.


ئىران كىنو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسى مۇدىرى مۇھەممەد رۇسۇل سادىقى 23-چېسىلا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا لېيلا ھاتەمىنىڭ «سۆيۈشۈش» ئىشى توغرىسىدىكى كەچۈرۈم سوراش خېتى ۋە بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈش توغرىسىدىكى باياناتنامىسىنى ئېلان قىلغان.خەتتە لېيلا ھاتەمى:« سىلەرنى ئازاپلىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن، فېستىۋال رەئىسى گىللېس جاكوب گەرچە شۇنچە ياشقا كىرگەن ئادەم بولسىمۇ ئىراننىڭ يوسۇنىغا دىققەت قىلمىدى» دەپ مەسئۇلىيەتنى بۇ رەئىسكە ئارتىپ قويدى.
ئىران ئىسلام قانۇن- نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، مۇناسىۋىتى يوق ئەر- ئايالنىڭ ئاشكارا سورۇندا قۇچاقلىشىشقا بولمايدۇ،بىراق لېيلا ھاتەمى گىللېس جاكوب بىلەن ئۆزئارا مەڭزىگە سۆيۈشكەن.
21-چېسىلا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بىلەن ئالاقىسى بار بىر ستۇدېنتلار تەشكىلاتى ئىران ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنۇپ، لېيلا ھاتەمىگە ئاشكارا قامچىلاش جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى ئۇ «يات ئەرنى سۆيگەن»، ھەمدە «ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى 638 –تارمىقىدىكى بەلگىلىمە» گە ئاساسەن، ئۇنى قاماققا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203