رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 81 قېتىم كۈرۈلدى
ئاندىرويىد سىستېمىسىدا يېڭى يوچۇق بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

سىنا يانفون تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
iOS7.1.1 سىستېمىسىدا بىر نەچچە يوچۇق بايقالغاندىن كېيىن، يېقىندا ئاندىرويىد سىستېمىسىدىمۇ بىر يېڭى يوچۇقنىڭ مەۋجۇتلىقى بايقالغان بولۇپ، ئابونتلار سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا كامېرانى قوزغىتىپ، تارتىلغان رەسىمنى تورغا يوللايدىكەن.
بۇ يوچۇقنى بايقىغۇچىنىڭ ئىسمى Sidor بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە گۇگېل ئەپ دۇكىنىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنىڭ ئىچىدە مەخپىي ھالدىكى رەسىمگە تارتىپ يوللاش ئىقتىدارى قىستۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىكراندا ئالاقىدار مەشغۇلات ئەسكەرتمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بىراق، بۇ قېتىم بايقالغان يوچۇق پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، بۇنىڭدا ئابونتلار قىلچە سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، رەسىمگە تارتىش ۋە يوللاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
Sidor نىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن ئاددىي بىر يوچۇقنى ئېچىش ئارقىلىق يۇقارقى ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، ئۇ يەنە بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىن كۆرۈش ھالىتىدىكى رەسىملەرنى پىكسىل ئۇچۇرىغا ئالماشتۇرغان. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئابونتلار بۇنىڭغا ئوخشاش پىكسىل ئۇچۇرى ئەسكەرتىشىگە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن.
كىشىنى قورقىتىدىغان يېرى، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان پىكسىل ئۇچۇرى يانفوننىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنمەيدىكەن، ھەتتا ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئىكرانى ئېچىلمىغان ھالەتتىمۇ، يانفون كامېراسى نورمال ئىشلەيدىكەن. Sidor بۇ ئەھۋالنى ئاندىرويىد بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئىنكاس قىلغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يوچۇقنى بالدۇرراق تاقاپ، بۇ ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203