رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 4685 قېتىم كۈرۈلدى
مەكىت ناھىيىسىدە 99 جۈپ قىز-يىگىت كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ‹‹دولان مەدەنىيىتى يۇرتى›› دەپ ئاتالغان مەكىت ناھىيىسىدە 99 جۈپ قىز-يىگىت كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، توي مۇراسىمى ئاددىي-ساددا ئەمما داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلگەن، تۈمەنلىگەن كىشى نەق مەيدانغا بېرىپ، بۇ ياشلارغا بەخت تىلىگەن، دولان ئەل ئىچى سەنئەتچىلىرىمۇ نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلارغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىگەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئون كۈن ئىچىدە، ‹‹تەكلىماكاندىكى توي مۇراسىمى›› ئاللىقاچان تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ئاقسۇ شايار، ئاۋات، ئاتۇش، ئاقتۇ، يەكەن، گۇما ناھىيىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە مەيدان كوللېكتىپ توي مۇراسىمى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەكىتتىكى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بولسا بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەن.

ئىگىلنىشىچە، ‹‹تەكلىماكاندا توي›› ناملىق بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئېنتىرنىت-ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ پائالىيەتتە مەخسۇس بىر تۈركۈم ئالاھىدە توي مۇراسىمى قوشۇنى تەشكىللەنگەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاللىقاچان 240 جۈپ ياش كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.






      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203