رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 394 قېتىم كۈرۈلدى
«مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى-مىراس كىيىمچىلىكى» يېرىم يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۇتۇقلۇق ئېچىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


نۇر تورى باھارگۈل قاھار خەۋىرى : ئانا تىلىمىزنىڭ جانلىق ھەم پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلىرى بىلەن «يىللار ئىزناسى دەۋر ئەركىسى»دەپ بېزەلگەن بۇ بىر جۈملە ئېلان تەشۋىقات سۆزى تىلغا ئېلىنغان ھامان قەددى-قاماتلىك،لاتاپەتلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال ماتېرىيالى ئېسىل، سۈپىتى ياخشى، تىكىلىشى سىپتا، پاسۇنى چىرايلىق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، ئارامبەخش بولغان مىراس كىيىملىرى كېلىدۇ. يۇقىرىقىدەك مانا مۇشۇنداق تەرىپلەرگە ئىگە بولغان مىراس كىيىملىرى 2005-يىلى ئاتۇشلۇق يەككە تىجارەتچى قەمىردىن مەمەتئەلى ھاجىمنىڭ تىجارەتتە يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت زامانىۋى تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ قەمىردىن ھاجىمنىڭ قەلبىگە ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسى بولغان شۇ كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى ھەم ئەينەنلىكى ھەم دەۋىر ئېھتىياجى بويىچە زامانىمىز ئەركەكلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ بازارغا سېلىش ئىستىكىدىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغۋار ئوت تۇتىشىدۇ. شۇ ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قەمىردىن ھاجىم تىنىم تاپماي ئىزدىنىپ، بۇ ساھەدە يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرلەپ 2010-يىلى بەش يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ مىۋىسى بولغان «مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى –مىراس كىيىمچىلىكى» دىن ئىبارەت شىركەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

ئۈچ مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان بۇ شىركەت قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە قەمىردىن ھاجىمدىن ئىبارەت بۇ دانا باشلامچىنىڭ رەھبەرلىكىدە لاھىيلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلىپ كاستىيۇم -بۇرۇلكا، بوغماق چاپان، پوپايكا، كۆينەك، خۇرۇم چاپان، ئاياق، ھەميان، دوپپا، سائەت قاتارلىق 30خىل تۈردىن يىلىغا 1000خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەم 100مىلىيون يۈەندىن ئارتۇق بازار قىممىتىگە ئىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىيىم –كېچەك ساھەسىدىكى بايراقدار كارخانىغا ئايلىنىدۇ.

 

 


«ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە بەر»دېگەن ھېكمەتلىرىمىز بويىچە قەمىردىن ھاجىم يول ئېچىپ بېيىش يولىنى تاپقاندا بۇ يولنى ئۆزى يالغۇز باسماي ئەتراپىغا كاللىسى سەگەك، پۇت –قوللىرى چاققان، ئاغزى ياغلىق، سودىغا ماھىر بولغان ۋاكالەتچىلەر قوشۇنىنى توپلاپ ھەرقايسى يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ بۇ بېيىش يولىغا باشلاپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەت، پاسۇن، مۇلازىمەت ئۇتكەللىرىنى چىڭ تۇتۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشىدۇ.


قەمىردىن مەمەتئەلى ھاجىم ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ «بىز مىراس كىيىمچىلىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇ بىباھا مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەجداتلىرىمىز ياراتقان جەزبىدار كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۈرۈش، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا لايىقىدا يەتكۈزۈش ئىستىكىدە خەلقىمىزنىڭ كىيىنىش –ياسىنىش ئادىتىگە ئۇيغۇن. ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرىمىزنىڭ كىيىنىشىگە ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە لاھىيە، يېڭىچە پاسۇنلۇق كىيىم –كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ ئالقىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدۇق. بىز خەلقىمىزگە، دۇئالىرى ئارقىلىق بىزگە بەرىكەت تىلىگەن ئاتا –ئانىلىرىمىزغا، بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەن ئۇستازلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز»دېدى.
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى پارلاق مېھمانخانىسىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى مەرىكە زالى بېشىغا بادام نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن مىراس دوپپىسىنى كەيگەن قەددى-قامەتلىك ئوغلانلار بىلەن باشقىچە بىر مۇراسىم تۈسىگە كىرىدۇ، مانا بۈگۈن بۇيەردە «مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى –مىراس كىيىمچىلىكى»2014-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. يىغىن جەريانىدا ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن مۇتەخخەسسىسلەر ئۇيغۇر كارخانچىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى، ھەمكارلىق، قانۇن ۋە تەبرىك نۇتۇقلىرىنى بايان ئەيلەپ ئۆتتى. مانا شۇ دەقىقىلەردە بارلىق يىغىن ئەھلىنىڭ جۈپ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئۆزلۈكىدىن پەخىرلىنىش ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى جىلۋىلەندى.

 


 

يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە ئۇچىسىغا يارىشىملىق مىراس كىيىم –كېچەكلىرىنى كەيگەن يىگىتلىرىمىز نەق مەيداندا مودىللىق ماھارىتى بىلەن مىراس كىيىم –كېچەكلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى. ھەممە ئۆز چاۋاكلىرى ئارقىلىق مىراسلىقلارغا بولغان تەشەككۈر ۋە قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى.




يىغىن ئاخىرىدا مىراس شىركىتى ھەرقايسى يۇرتلاردىن كەلگەن مىراسىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان مىراسلىق ۋاكالەتچىلەرنى ئۆز تۆھپىلىرىگە قارىتا مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203