رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 920 قېتىم كۈرۈلدى
1-ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت سېتىشنى چەكلەيدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


توكسىكلىت سېتىشنى چەكلەيدىكەن 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ ئورگان بىرلىكتە ، «ۋاقىتلىق چارە»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئومۇمەن شىنجاڭدا تىجارەت قىلىدىغان توكسىكلىت مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچى سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بەلگىلەنگەن كارخانا، ساتىدىغان توكسىكلىتنى چوقۇم دۆلەتنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلغان ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇشى زۆرۈر بولۇپ، مەسىلەن توكسىكلىتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 20 كىلومېتىردىن يۇقىرى بولماسلىقى، موتسىكلىتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامدىن چوڭ بولماسلىقى، توكسىكلىتنىڭ قۇۋۋىتى 240 ۋاتتىن چوڭ بولماسلىقى قاتارلىقلار بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان توكسىكلىتكە قارىتا «يول يۈرۈش» چەكلىنىدىكەن.

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت سېتىشنى چەكلەيدىكەن. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توكسىكلىت مۇندەرىجە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارە»سى، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ شىنرىي توكسىكلىتنىڭ باش ۋاكالەتچىسى لىي مىڭنىڭ بېشىنى قاتۇردى. «مەن ۋاكالەتچى بولغان بۇ ماركىدىكى موتسىكلىتتىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى زاپىسى20 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 95% توكسىكلىتنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ توكسىكلىت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ يالغۇز لى مىڭ بىرلا كىشىنىڭ قىيىن مەسىلىسى ئەمەس.

مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا جەمئىي 92 توكسىكلىت ماركىسى بار بولۇپ، 4000مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت دۇكانلىرىدا، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت زاپىسى 400مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئەيما توكسىكلىتى شىمالىي شىنجاڭ باش ۋاكالەتچىسى نەن فېڭمېينىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ ۋاكالەتچى بولغان ماركىدىكى توكسىكلىت زاپىسى پۈتۈن شىنجاڭدا 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ قىسمى « ۋاقىتلىق چارە»گە ماس كەلمەيدىكەن. ھازىر بۇ موتسىكلىتلارنى زاۋۇتقا قايتۇرۇۋېتىشكە ئامالسىز بولۇپ، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن زاپاس موتسىكلىتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياكى بۇ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە ۋاقىت بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. بىر پارچە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تاپشۇرۇۋالغان«توكسىكلىتنى باشقۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىنكاسى»دا، جەمئىي 32 ماركىنىڭ ۋاكالەتچى كارخانىلىرى ئوخشاشلا دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ۋاكالەتچى كارخانىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ 400 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن موتسىكلىتقا قارىتا ۋاكالەتچى ئورۇنلارغا ئالتە ئاي ۋاقىت بېرىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ۋاكالەتچى ئورۇنلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتى تېخنىكا ۋە ئەسلىھە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دىڭ شىڭبېننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە دوكلات سۇنۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىر بېرىشكە ئەۋەتكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203