رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 393 قېتىم كۈرۈلدى
بېنگالنىڭ چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتى سۈزۈپ چىقىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :


بېنگالدىكى چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت ۋەقەسىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى 17-چېسلا ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملرى نەق مەيداندا تېخىمۇ كۆپ جەسەتنى سۈزۈۋالغان. نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ ۋەقەگە ئۆلگەن ئادەم سانى 52 گە يەتكەن. ھازىر چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت دەريا قىرغىقىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسى، دېڭىز ساقچىلىرى پاراخوتنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

بېنگال دەريا ئېقىنى قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، 17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى قايتىدىن باشلانغان.

15-چېسلا كەچتە، بېنگالنىڭ بىر پاراخوتى پايتەخت داككادىن 27 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەغنا دەرياسىدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاراخوتتا تەخمىنەن 200 دەك ئادەم بار ئىكەن. ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوتتا 300 ئادەم بار ئىكەن.

بېنگالدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 250 دىن ئارتۇق دەريا-ئېقىن بار بولۇپ، سۇ قاتنىشى ئاساسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ قىسىم كېمىلەر ئۇزۇن ۋاقىت رېمونت قىلىنمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورمىدىن ئارتۇق ئادەم باسقاچقا، پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.







 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203