رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1191 قېتىم كۈرۈلدى
يۈزى ئاپتاپتا «ئېرىپ» كېتىدىغان برازىلىيەلىك ئەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -08
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com



يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى،  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6 – ماي خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيە ئالالاس رايونىدا، پىگمېنت خاراكتىرلىك تېرە قۇرۇش كېسىلىگە گىرىبتار بولغان ئادەملەرنىڭ سانى كۆپىيىپ قالغان، مەزكۇر رايوندا 800 ئادەم ئىچىدە 20 سى مۇشۇنداق ئېرسىيەت خاراكتىرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار بىنەپشە نۇرغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىغان بولۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا خىزمەت قىلغاندا ئاسانلا تېرە راكى، گاس، مۇسكۈل تارتىشىپ قېلىش، ماسلىشىش ئىختىدارى ناچارلىشىپ كېتىش ياكى دېۋەڭ بولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋالىدىكەن. بىراق ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالالاس بولسا ئىسسىق بەلۋاغ دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، كۈندە سىرتتا خىزمەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم، بۇ خىل ئەھۋال مەزكۇر دۆلەتكە بىر خىل بېسىم بولغان.
38 ياشلىق بىمار دجالما ئانتونىئو جاردىم كىچىك ۋاقتىدا تولا سىرتلاردا يۈرگەچكە توققۇز ياش ۋاقتىدىلا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، يۈزىدە نۇرغۇن داغلار ۋە كىچىك ئىششىقلار پەيدا بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى، «مەن ئىزچىل ئاپتاپتا خىزمەت قىلىمەن، شال تېرىيمەن، ھوسۇل يىغىمەن، كالا باقىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەندىكى ئالامەتلەر بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى». گەرچە چىغ قالپاق كىيىپ يۈزىنى ئاپتاپتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ بىراق رولى ئانچە چوڭ بولمىغان، بۇ كېسەل جاردىمنىڭ لەۋلىرى، بۇرنى، يۈزى ۋە كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلىرىگە تارالغان. جاردىم 50 نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ، يۈزىدىكى ئىششىقلارنى، ئۆسمىلەرنى ئالدۇرۇۋەتكەن، ھەمدە ھازىر ئېتىزدا ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئازغىنە تولۇقلىمىسىغا ۋە ئۆزى ئېچىۋالغان ماروژنا دۇكىنىدىكى ئازغىنە كىرىمگە تايىنىپ جان باقىدىغان بولۇپ قالغان.
جاردىم مۇنداق دېدى، «ماڭا دېئاگنوز قويغان دوختۇرنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ قېنىم بەك قالايمىقان ئىكەن، باشقىلار مېنىڭ تېرەمدە مەسىلە بار ئىكەن دېيىشتى، بىراق ھېچكىم بۇنى ئېرسىيەت خاراكتىرلىك كېسەل دېمىدى، تاكى 2010 –يىلغا كەلگەندە، ئاندىن ماڭا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى. «مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئالالاستا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ رايوندا دەسلەپتە پەقەت نەچچە ئائىلىلىكلار ئادەم بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق كېسەللىكنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئىكەن، كېيىن ئۇلار بىر بىرى بىلەن توي قىلىشىپ، بۇ كېسەللىكنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يۇقتۇرغان.
گلېيس بولسا بىر كەنت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇنىڭ 11 ياشلىق ئوغلىمۇ مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇ ئوقۇتقۇچى مەزكۇر رايوندىكى بۇ خىل كېسەللىكنى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە 100 يىل بۇرۇنلا بەزىلەر مۇشۇنداق كېسەل بولغان. بۇ ئوقۇتقۇچى شۇ يەردە بىر ئۇيۇشما قۇرۇپ، شۇ يەردىكى كىشىلەرگە بۇ خىل كېسەللىكنى چوڭقۇر چۈشەندۈرگەن، ئاتا ئانىلارغا بالىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى قاراشنى، گەرچە شۇ بالىلاردا بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن ھالەتتىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.
گلېيس مۇنداق دېدى، «قۇياش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز بولۇپ قالدى، شۇڭا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشىلەر چوقۇم كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى كېرەك، بىراق بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش».






































      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203