رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 359 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تەدبىرى توغرىلىق WTO غا ئىلتىماس سۇندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

روسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تەدبىرى توغرىلىق WTO غا ئىلتىماس سۇندى


 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى جەنۋە 1- ماي تېلېگراممىسى نۇر تورى تەرجىمىسى، باش شىتابى شۋېيتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھرىگە جايلاشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتى WTO بۈگۈن مۇنۇلارنى ئىلان قىلدى، روسىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرىگە قارىتا بۇ تالاش- تارتىشنى ھەل قىلىش توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كېڭىشىش ئىلتىماسى سۇندى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ تالاش- تارتىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2009- يىلى ئېلان قىلغان ئېنېرگىيە بازارلىرى توغرىسىدىكى بىر قاتار لايىھەلىرىگىمۇ چېتىلىدىكەن.
بۇ لايىھەدە ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەبئىي گاز ۋە ئېلېكتر بازارلىرىغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ، بازار تورىنى بۆلۈشۈش مەقسەت قىلىنغان يەنى يەنى چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ توشۇش تورىنىمۇ ئىگەللىۋىلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ لايىھە ئوخشاشلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىكى چەتئەل كارخانىلىرىغىمۇ ماس كېلىدۇ.
ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ لايىھەنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەنلا روسىيە تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ئىيتىشىچە، روسىيە ھۆكۈمىتى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى سۇنغا بۇ كېڭىشىش ئىلتىماسىدا مۇنداق دېگەن، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى « يېڭى سىياسىتى » ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قاتنىشىشى، تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمنىلەش توشۇشىنى كۆزگە ئىلمىغان. بۇ دۇنتا سودا تەشكىلاتى تۈزگەن سودا مۇلازىمەت ئومۇمىي كېلىشىمنامىسى قاتارلىق بىر قانچە كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن ئەمەس.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، يەنە بىر تەرەپ چوقۇم 10 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس سۇنغان تەرەپكە بىرەر جاۋاب بېرىشى كىرەك، ھەمدە ئىلتىماس سۇنۇلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە چوقۇم كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىلىشى كىرەك. ئەگەر سۆھبەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپتىن رازى بولغۇدەك نەتىجە چىقمىسا، ئىلتىماس سۇنغان تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇتەخخسسىسلەر گورۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203