رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 531 قېتىم كۈرۈلدى
دادىسىنى داۋالاش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان بالا 17 يىلدىن كېيىن دوختۇرنى چانىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

كەنت دوختۇرى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: شىندۇدا بىر ئەر دادىسىنى داۋالاش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى دەپ گۇمان قىلغان. 17 يىلدىن كېيىن بۇ ئەر قىڭراقنى ئېلىپ دوختۇرنى چاناپ، دوختۇرنى يارىلاندۇرغان......يېقىندا سىچۈەن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا يېزا شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرىنى قەستەن يارىلاندۇرغان جىنايەت گۇماندارى شياۋمىڭمىڭنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.
17 يىل ئۆچ ئاداۋەت ساقلىغان ئەر قولىغا قىڭراق ئېلىپ كەنت دوختۇرىنى چانىدى
كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۆچ ئېلىشقا ئون يىلمۇ كەملىك قىلمايدىكەن. شىندۇلۇق شياۋمىڭمىڭ دەل مۇشۇنداق ئۆچ ئاداۋەتنى كۆڭلىدە 17 يىل ساقلاپ كەلگەن ئەر. بىراق، ئاتالمىش بۇ ئۆچ ئاداۋەت پەقەتلا ئۇنىڭ بىر گۇمانى خالاس.
17 يىل بۇرۇن، شياۋمىڭمىڭ ئون ياشتا بولۇپ، شۇ يىلى، ئۇنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبلىك قازا قىلىپ كەتتى. دادىسىنىڭ ئۆلۈمى كىچىكلا شياۋمىڭمىڭنى ئېغىر ئازابتا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ كەنت دوختۇرى جاڭگوخۇاغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى، ھەمدە كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈردى.
شياۋمىڭمىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى دوختۇر جاڭگوخۇا كېسەلنى ئوبدان داۋالىمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ گۇمان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە بۇ دوختۇرغا قارىتا ئاداۋەت پەيدا بولدى، بىراق يېشى كىچىك بولغانلىقتىن بۇ «غۇم» ئۇنىڭ كۆڭلىدە 17 يىل ساقلاندى.
يېقىندا، سىچۈەن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، 27 ياشلىق شياۋمىڭمىڭ ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قىڭراقنى ئېلىپ، ئەينى چاغدا دادىسىنىڭ كېسلىنى كۆرگەن كەنت دوختۇرى جاڭگوخۇانىڭ ئۆيىگە كەلدى، ھەمدە يالغاندىن كېسەل كۆرسەتكەن قىياپەتكە كىرىۋالدى. جاڭ دوختۇر دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شياۋمىڭمىڭ يېنىدىكى قىڭراقنى چىقىرىپ دوختۇرنىڭ باش قىسمىغا ۋە بەدىنىگە پىچاق ئۇردى، شۇنىڭ جاڭ دوختۇرنىڭ باش سۆڭىكى سۇنۇپ، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى يارىلاندى، قان كۆپ چىقىپ كېتىپ شۈك بولۇپ قالدى. كېيىن ج خ ئورگانلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، جاڭ گوخۇانىڭ يارىلىنىش دەرىجىسى يېنىك يارىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ.
تەپتىش ئەمەلدارى: مۇھەببەت ۋە كەسپىي ساھەدە ئاسانلا ئۆچ ئېلىش خىيالى پەيدا بولىدۇ.
شياۋمىڭمىڭ نېمە ئۈچۈن 17 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ؟ شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سىچۈەن ئاخبارات مۇخبىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، قورامىغا يەتكەندىن كېيىن شياۋمىڭمىڭ مەيلى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن، كەسپ جەھەتتە بولسۇن ئارقا ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆچ ئېلىش خىيالى پەيدا بولغان.
چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، شياۋمىڭمىڭ كىچىك چېغىدىلا دادىسىز قېلىپ ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا چوڭ بولغان، كېيىن بېيجىڭدا ئىشلەمچىلىك قىلغان، ھەمدە ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن بىر قىز بىلەن دوستلاشقان، بىراق بۇ مۇھەببەت قارشى تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن ئامالسىز ئايرىلىپ كەتكەن. مۇھەببەتتە مەغلۇب بولۇپ، كۆڭلى قاتتىق سوۋۇپ كەتكەن شياۋمىڭمىڭ خىزمەتتە يەنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. «ئۇ ھەمىشە تەقدىرنىڭ بۇ قىسمەتلىرى ئۇنىڭ دادىسىدىن بالدۇر ئايرىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان».
شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، شياۋمىڭمىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن بېيجىڭدا ئالتە ئاي قامالغان، تېخى يېڭىلا قويۇپ بېرىلگەن. «شىندۇغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى ئۆي ئىچىگە سولىۋېلىپ سىرتقا چىقمىغان، تۈزۈك گەپمۇ قىلمىغان». ئىگىلىنىشىچە، شياۋمىڭمىڭ بۇرۇن ئانىسىغا دائىم بېشىنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى، دادىسىنى كۆپ چۈشەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شياۋمىڭمىڭ شىندۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆپ قېتىم خىزمەت ئىزدىگەن، بىراق ئۇتۇقلۇق بولمىغان، ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ناچارلىشىپ كەتكەن. دېلو بېجىرگۈچى تەپتىشنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شياۋمىڭمىڭنىڭ ئىچى پۇشقانسېرى ئەينى ۋاقىتتا دادىسىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى كەنت دوختۇرى جاڭگوخۇادىن كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قىڭراقنى ئېلىپ جاڭگوخۇانىڭ ئۆيىگە بارغان......
سىچۈەن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ ئېگىلىشىچە، بۇ دېلو شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېجىرگەن تۇنجى قېتىملىق داۋالاش تەرتىپى دېلوسى ئىكەن. بۇ دېلودىكى گۇماندارنى قولغا ئېلىش تەستىقلاشقا سۇنۇلغاندىن كېيىن، شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى دەرھال ساقچى كۈچى تەشكىللەپ بۇ دېلونى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، جىنايەت گۇماندارىدىن بىرىنچى بولۇپ ئەھۋال ئىگىلىدى، پۈتكۈل دەلىل ئىسپاتلارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلدى.
شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش داۋامىدا، بۇ دېلوغا مەسئۇل تەپتىشنىڭ بايقىشىچە، شياۋمىڭمىڭ روھىي جەھەتتە ئانچە نورمال ئەمەس ئىكەن. خۇاشى ئەدلىيەلىك باھالىشىدىن كېيىن، شياۋمىڭمىڭ «روھىي توسالغۇلۇق كېسىلى» گە گىرىبتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دېلودا جىنايى جاۋابكارلىقى بار ئىكەن. جىنايەت گۇماندارىنىڭ قايتا قايتا دېلو سادىر قىلغانلىقى، ھەمدە «روھىي توسالغۇلۇق كېسىلى» بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇنداقلا گۇماندارنىڭ قايتا ئادەم زەخملەندۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېقىندا شىندۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئۇنى قولغا ئېلىش قارارىنى چىقاردى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203