رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 415 قېتىم كۈرۈلدى
وندا S660 ئۇقۇم ئاپتوموبىلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.autohome.com.cn

(ئاپتوموبىل ئائىلىسى 4-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى) چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوندا شىركىتىنىڭ 2013-يىلى توكتو ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان S660ئىككى ئورۇندۇقلۇق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى رەسمىي تۈردە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇ يېڭى ئاپتوموبىلغا ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرۈش سېستىمىسى ياكى تۆت گاڭلىق ماتور سەپلىنىدىكەن ھەمدە 2015-يىلى رەسمى نامايەن بولىدىكەن.


( خوندا S660ئۇقۇم ئاپتوموبىلى)

خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ يېڭى ئاپتوموبىل ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ لايىھىلەش ئىدىيىسىنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە خوندانىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى لايىھىلەش ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەنكەن. بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئورنى باشلانغۇچ دەرىجىلىك بەيگە ئاپتوموبىلى دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئالدى چاقتىن قوزغىتىلىدىغان ھەمدە ئىككى ئورۇندۇقلۇق ئۈستى ئوچۇق لايىھەنى قوللانغانكەن.
 


 

( خوندا S660ئۇقۇم ئاپتوموبىلى)

ھەركەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ياپونىيە ئىچىگە قارىتا سېتىلىدىغان S660تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىغان نۇسخىسىغا بىر يۈرۈش ئارىلاشما ھەركەرتلەندۈرۈش سېستىمىسى سەپلىنىدىكەن، بۇ سېستىما بىر دانە 0.66 لتېرلىق ئۈچ گاڭلىق پىرقىرىغۇچ ئارقىلىق بېسىم ئاشۇرىلىدىغان ماتور بىلەن بىر دانە ئېلېكترو ماتوردىن تەشكىل تاپقانكەن ھەمدە بىر دانە CVTسۈرئەت كۇرۇپكىسى ماسلاشتۇرۇلغانكەن. باشقا بازارلارغا يۈزلەنگەن يېڭى ئاپتوموبىللارغا بولسا بىر دانە تۆت گاڭلىك ماتور سەپلىنىدىكەن.


 

(خوندا Beatئاپتوموبىلى)

كەلگۈسىدە S660نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىسى خوندا Beatنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالىدىكەن، خوندا Beatئاپتوموبىلى 1991-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان K-carئاپتوموبىل پاسونىكەن، بۇ ئاپتوموبىل پاسونى يەنە كېلىپ خوندا شىركىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى خوندا زوڭيىلاڭ شەخسەن ئۆزى نازارەتچىلىك قىلىپ ئىشلەنگەن ئەڭ ئاخىرىقى بىر نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل پاسونىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى داڭلىق لايىھىلەش شىركىتى پىنىن فارىنا شىركىتى لايىھىلىگەن بولۇپ، ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارقا چاقتىن قوزغۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى قوللىنىلغانكەن ھەمدە بىر دانە 0.656 لتېرلىق ئۈچ گاڭلىق ماتور سەپلەنگەنكەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 64 ئات كۈچىكەن، ئەڭ يۇقۇرى سائەتلىك سۈرىتى 135 كىلومېتىردە چەكلەنگەنكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203