رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 210 قېتىم كۈرۈلدى
ئوغرىلىققا كىرگەن ئۆيدە ئۇخلاپ ياتقان ئوغرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

خەلق تورى مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى:
5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلار بىلەن، نەنجىڭ گۇلۇ تارماق ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچىلار شەھەر ئاھالىسى چېن ئەپەندىدىن كەلگەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، چېن ئەپەندى كاماندىروپكىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ياتاق ئۆيىدىكى كارۋاتتا بىر ناتونۇش ئەرنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى بايقىغان، ئۆيلىرى بەك قالايمىقان بولۇپ كەتكەن، چېن ئەپەندى گۇمانلىنىپ بۇ ئەرنىڭ ئوغرىلىققا كىرىپ ئاندىن ئۇخلاپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ ساقچىلاردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
چېن ئەپەندىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ، چېن ئەپەندىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ياتاق ئۆيگە كىرگەن، ياتاق ئۆيدە قولىغا ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ئۈزۈك ۋە باشقا پۇل چېكى تۇتۇۋالغان بىر ئەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ كىرگەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالغان. چېن ئەپەندى بېرىپ ئۇنى ئويغاتقاندا چۆچۈپ ئويغىنىپ ئەتراپتىكى ساقچىلارنى كۆرۈۋېتىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
ۋاڭ فامىلىلىك بۇ ئوغرىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۆزى قىمارغا قىزىقىپ قالغاندىن كېيىن ئۆيىدىكى پۇللارنى قىمارغا تىكىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يەنە قىمار سورۇنىغا قايتىش ئۈچۈن پۇل غەملەش خىيالىغا كەلگەن، باشقا ئىشنى قاملاشتۇرالمىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئوغرىلىق قىلىش يولىنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن 5-ئاينىڭ 4-كۈنى يېرىم كېچە سائەت تۆتتە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆگىنىۋالغان ئىشىك قۇلۇپىنى ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىگىسى يوق ئۆيگە كىرگەن ھەم 1200يۈەن نەق پۇل ۋە باشقا ئۈچ يۈرۈش ئالتۇن زەنجىرنى ئوغرىلىغان، كېيىن ئۇيقۇسى كېلىپ كېتىپ ياتاق ئۆيدىكى يۇمشاق كارۋاتتا ئۇخلاپ قالغان، كېيىن ئويغۇنۇپ قارىسا ئەتراپىدا ساقچىلار تۇرغان ئىكەن.
نۆۋەتتە ۋاڭ فامىلىلىك جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ، بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203