رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 917 قېتىم كۈرۈلدى
پارتىلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن پويىز ئىستانسىىنىڭ خىزمىتى نورمال داۋاملاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : شىنخۇا تورى
Www.AnAdiyar.Cn

5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، شىنخۇا تورىنىڭ مۇخبىرى تۈنۈگۈن كەچ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى ، ساقچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن باشقا ، پويىز ئىستانسىدىكى باشقا خىزمەت ۋە ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولمىغان ۋە ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىگە قاتقان .


ساقچىلار قاتناش قىستاڭ ، ماشىنىلار ۋە ئادەملەر كۆپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يول بويىدا ،ئۆز خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ،تىنچلىقنى قوغدىدى ، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش زالىدا ، پويىز كۈتۈش زالىدا ، بېكەتكە كىرىش ئېغىزىدا يەنىلا ئىلگىرىكىدەك نۇرغۇن يولۇچىلار چوڭ -كىچىك سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ،ئۆتۈشۈپ تۇردى .ساقچىلار ۋە پويىز ئىستانسىسى خادىملرى يولۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەتنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى . ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا ئەھۋالنى تۇنۇشتۇرۇپ ،4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ، شۇ جايدىكى پويىز ئىستانىسىسى خىزمىتىنىڭ قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ، يولۇچىلارنىڭمۇ داۋاملىق كېلىپ كېتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، ئەھۋالنىڭ ئىلگىرىكىدەك نورمال ئىكەنلىكىنى ئېتىپ بەردى .
 

ۋوگزال ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارىتىمۇ نورمال داۋاملاشقان بۇلۇپ ، شۇ يەردە تىجارەت قىلغۇچىلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئەھۋالنىڭ نورمال ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى . يولۇچىلار مۇنداق دېيىشتى :‹ بۇ تېررورچىلار ئادەمنى قورقۇتالمايدۇ ، ھەم كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل ، تىنىچ تۇرمۇشىنى بۇزالمايدۇ ،ئۇلارنىڭ قىلمىشى پەقەت تېرورچىلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ ›.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203