رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 311 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ماي خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما يىغىلىش، نامايىش قىلىش ۋە باشقا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ بۇ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ھەم خاتىرىلىگەن.
ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى-كىيىۋتا ئۇكرائىنا سوتسىيال پارتىيىسى قاتارلىق سولچىل پارتىيىلەر ۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شۇنداقلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئامما 1-ماي كۈنى ئەتىگەندە پايتەخت كىيىۋغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇكرائىنا سوتىسيال پارتىيىسىنىڭ داھىيسى- رودكوۋسىكى ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان باج سېلىقىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەم پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە مائاش تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.
ئىگەللىنىلىشىچە، تۈنۈگۈن گېرىتسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، فىلىپپىن، كۇبا، ھىندىنوزىيە، كىرودىيە، مېكسىكا، لىۋىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى تەبرىكلەنگەن ھەم خاتىرىلەنگەن.

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيىۋتا ئۆتكۈزۈلگەن 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىگە شۇ يەردىكى چىرايلىق سوت ئەمەلدارى-ناتالىيەمۇ قاتناشتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇكرائىنا ئاممىسى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى خاتىرىلىدى.


شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر دونېتسىك، روسىيەپەرەس نامايىشچىلار شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن دونېتسىك فېدراتسىيىسىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسى بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ بۇ بىنانى ئىگەللىۋالدى. شۇ يەر ۋاقتى 1-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ئامما دونېتسىك فېدراتسىيىسىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسى بىناسىنى قورشىۋالغان ھەم بۇ بىنانى ساقلاۋاتقان ساقچى تەرەپ بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئاخىرىدا بىر قىسىم نامايىشچى ئامما بۇ تەپتىش مەھكىمىسى بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى دېرىزىلەرنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، بىنانىڭ ئۈستىگە قاداپ قويۇلغان ئۇكرائىنا دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەن.

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، گېرىتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرى، گېرىتسىيىدىكى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشچى ئاممىسى شۇ كۈنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق 1-ماي خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلىدى.


شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىتالىيە دۇرىن، كۈچ كۆرسەتكۈچى ئامما بۇ يەردە نامايىش قىلىش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن مۇداپىئەلىنىش ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.



 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، فىلىپپىن پايتەختى مانىلا ، كۈچ كۆرسەتكۈچى ئامما بۇ يەردە نامايىش قىلىش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، نامايىشچى ئامما فىلىپپىن زۇڭتۇڭى-ئاكىينو III نىڭ قونچىقىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئامېرىكا تەرىپىدىن كونتىرول قىلىۋېلىنغان ماشىنا ئادەم دەپ ئەيىبلىدى.



شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۇبا ھاۋانا، شۇ كۈندىكى خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش نامايىشىغا كۇبا رەھبىرى كاستىرومۇ قاتناشتى.


شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئامما كوچىلارغا چىقىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق 1-ماي خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئامما كوچىلارغا چىقىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق 1-ماي خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203