رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 329 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگودىكى باي- نامراتلىق پەرقى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چياڭ خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 29- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ھازىر جۇڭگودىكى باي- نامراتلىق پەرقى ئامېرىكىدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى باي- نامراتلىق پەرقى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن. ئېيتىلىشچە، تەتقىقاتچىلار جۇڭگودىكى بەش ئالىي مەكتەپنىڭ ئالتە پارچە تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا ئائىت غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ جىنى كوئېففىتسېنتىنى ھېسابلاپ چىققان، ئېيتىلىشچە جۇڭگونىڭ 2010- يىلىدىكى جىنى كوئېففىتسېنتى 0.55 بولغان.

جىنى كوئېففىتسېنتى كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىللىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، سانلىق قىممەت 0 دىن 1 گىچە بولىدۇ. سانلىق قىممەت ئادەتتە 0.5 تىن يۇقىرى بولغاندا، باي- نامراتلىق پەرقى ئېغىر بولىدۇ. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، جۇڭگودىكى باي- نامراتلىق پەرقى 1980- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە بىر ھەسسە دېگۈدەك كېڭەيگەن، بۇ ئەھۋال جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش مەزگىلى بىلەن بىردەك، ئەمما ھازىر «ئېغىر» تەڭپۇڭسىزلىق دەرىجىسىگە يەتكەن، بۇ نەتىجە جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەسىراتىنى ئىسپاتلات بەردى. دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، 2012- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، جۇڭگودا زىيارەت قىلىنغۇچىلار باي- نامراتلىق پەرقىنى جۇڭگو جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس دەپ قارىغان، بۇنىڭ تەرتىپى ھەتتا چىرىكلىك ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسىدىنمۇ ئالدىدا تۇرغان.

بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 29- ئاپرېل مۇتەخەسسىسنىڭ ئانالىزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر باي- نامراتلىق پەرقى داۋاملىق كېڭەيسە، سىياسەت، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا ناچار تەسىر كۆرسىتىدىكەن، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ دوكلات مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

«جۇڭگو ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن كىرىم پەرقىنىڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا تاقەت قىلىش دەرىجىسى تولىمۇ يۇقىرىدەك قىلىدۇ.» دېدى مەزكۇر دوكلاتنىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن بىرسى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسى شيې يۈ، «گەرچە بۇنى ياقتۇرمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ: بۇ ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل.»



      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203