2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش تەشكىللەنىدى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇبىي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى، ۋۇخەن مىتروسىنىڭ 2-يول لىنىيىسى شىياۋگۇيشەن بېكىتىدە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىقى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ گۇئەن ھەق يىغىش پونكىتى، بېيجىڭ-تىيەنجىن، خېبىيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە-شەھەردىكى ساقچى قىسىملىرى ساقچى ئاۋىئاتسىيىسى بىرلەشمە تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، بۇ يەردە تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ تىپلىق ساقچى ئاۋىئاتسىيە مەشىقى ئۆتكۈزدى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چېگرا ساقچى قىسىم باش ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ تارماق ئەترىتىدىكى ساقچى ئوفېتسىرلار قوغلاپ تۇتۇشنى ئاساس قىلغان ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇردى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىياڭسۇ جېڭجىياڭ چېگرا مۇداپىئەسى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ساقچى ئوفېتسىرلار تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارماقتا.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىدە توپلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشقى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قوللىرىغا تاياق-توقماق كۆتۈرۈشۈۋالغان نەچچە يۈز ‹قانۇنسىز ھالدا توپلىشىپ جېدەل چىقارغان ئامما› يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلىغىنىچە ساقچىلارغا قارىتا ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، كەينىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلاپ تارقاقلاشتۇرۇلدى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونىدا كەسپىي جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى مەشقى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كەسپىي جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى مەشىق جەريانىدا ‹زوراۋان تېرورچىلار› غا قارىتا مەخسۇس كەسپىي جەھەتتىن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەترەتنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە كونتىرول قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خۇڭمىياۋزى كوچا ئىش باشقارمىسىدا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىدىكىلەر ‹ قارانچۇق› لارغا نەيزە سانجىپ تەقلىدىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى، ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئوفېتسىر ئەسكەرلىرى باندىتلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدىكى ئەمەلىي جەڭ ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلماقتا.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك قاتناش كومېتىتى ئالىي مەكتەپ شەھەرچىسى ئاممىۋى قاتناش مەيدانىدا ئاممىۋى قاتناشتا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارغانىدى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەنخۇي باش ئەترىتى خېفىي تارماق ئەترىتى مەشىق بازىسىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي مەشقى ئېلىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |