رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 327 قېتىم كۈرۈلدى
كېنىيەدە بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى قانۇنلاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30- ئاپرېلدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 30- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە پرېزىدېنتى كېنياتتا بىر قىسىم يەرلىك ئەنئەنىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان؛ بۇ ئىش تالاش- تارتىش قوزغىغان. كېنىيە پارلامېنتىدىكى ئايال پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكەن ئايدىكى يىغىندا ئەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ماددىغا قوشۇلىدىغان بېلەت تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، غەزەپلەنگەنلىكىدىن يىغىندىن چىقىپ كېتىپ ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كېنىيە ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ نىكاھ بەلگىلىمىسىدە بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كېنىيەنىڭ بەزى قەبىلىلىرىدە ئەزەلدىنلا بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ نۇرغۇن ئەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر ماددىسىدا، ئەرلەرنىڭ جۆرىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپلا باشقا خوتۇن ئېلىشىغا يول قويۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە گەرچە بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەر تەرەپ كۆپ خوتۇن ئېلىشتا ئادەتتە بىرىنچى خوتۇنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن.
ئۆتكەن ئايدىكى پارلامېنت يىغىنىدا، كېنىيە پارلامېنتىدىكى ئايال پارلامېنت ئەزالىرى ئەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ماددىغا قوشۇلىدىغان بېلەت تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، غەزەپلەنگەنلىكىدىن يىغىندىن چىقىپ كېتىپ ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى.
ئېتىراز بىلدۈرىدىغان ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كۆپ خوتۇن ئېلىشقا توغرا كەلسە، پۈتكۈل ئائىلىگە تەسىر يېتىدىكەن، بولۇپمۇ باشقا خوتۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ياكى كىرىمى.
كېنىيەدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇردى، ئۇلار ئىلگىرى كېنياتتادىن بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويماسلىقنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.
خىرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى نىكاھ ۋە ئائىلىنىڭ پىرىنسىپى ۋە قىممىتىگە مۇخالىپ ئىكەن، ھەمدە بۇ قانۇن لايىھەسى ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھ تۈزۈمىدىكى باراۋەرلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلمايدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203