رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 87 قېتىم كۈرۈلدى
خۇبىي كۆچمە ئالاقە شىركىتى پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

‹يانفون ئېقىم مىقدارىنىڭ ئايلار بويىچە ھەق ھېسابلىشى ۋە ۋاقتى ئۆتكەندە بىراقلا بىكار قىلىۋېتىلىشى› دىن ئىبارەت بۇ خىل ھادىسە زادى جۇڭگودىكى زوراۋان بەلگىلىمىمۇ ۋە ياكى خەلقئارادىكى بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمىمۇ؟ مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشلىتىلمىگەن يانفون تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئاي ئاخىرىغا بارغاندا بىراقلا نۆل قىلىۋېتىلىپ تازلىنىۋېتىلىشى ئىزچىل ھالدا يانفون ئابونتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، تېلىگراف ئالاقە تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بۇ خىل خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ئېستىمالچىلارنىڭ ‹يەپ بولالمىغان سەي-كۆكتات› لىرىنى ‹كېيىنكى قېتىملىق تاماق› قا ئىشلىتىشىگە يول قۇيۇشقا باشلىغانىدى. خۇبېي ئۆلكىلىك كۆچمە ئالاقە شىركىتى يېقىندا دەل مۇشۇ خىل تۈردىكى پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانىدى.
ئېستىمالچىلارنىڭ يانفون تور ئېقىم مىقدارىنى ئاي ئاخىرىدا بىراقلا بىكار قىلىۋېتىشتەك تۈزۈمگە بولغان نارازىلىقى خېلى ئۇزۇندىن بۇيانلا ئەۋج ئېلىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ھەتتا ئادۋوكاتلار يانفون تور ئېقىم مىقدارىنى ئاي ئاخىرىدا بىراقلا بىكار قىلىۋېتىشتەك بۇ خىل زوراۋان تۈزۈم ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز شىكايەتمۇ قىلغانىدى. لېكىن بۇنىڭغا قارىتا بەزى تېلىگراف ئالاقە تىجارەتچىلىرىنىڭ خادىملىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ:‹ئېستىمالچىلار ئەسلىدىلا تور ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بېجىرگەن ۋاقتىدىلا، بىر قەدەر ئەرزان باھادا بىر قەدەر چوڭ بولغان تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى يەنىلا يەككە ھالدا سېتىۋېلىنغان تور ئېقىم مىقدارىنىڭ باھاسىدىن ئەرزان بولىدۇ› دېگەنىدى.
بۇ مەسلىگە نىسبەتەن، ئىستىمالچىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا تېلىگراف ئالاقە تىجارەتچىلىرىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنىمۇ ئورۇنلۇق دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ خىل مەسلىلەرنى ئويلىغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر تېلىگراف ئالاقە تىجارەتچىلىرى پەسىللىك ياكى يېرىم يىللىق ھەق ھېساپلاش تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى يولغا قويسا بولامدۇ يوق دېگەن مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولۇپ، بۇ مەسلىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇبىي ئۆلكىلىك كۆچمە ئالاقە شىركىتى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا قارىتا باشلامچىلىق ۋە ئۆرنەكلىك رول ئويناپ بەرگەنىدى.
ئىگەللىنىلىشىچە، خۇبىي ئۆلكىلىك كۆچمە ئالاقە شىركىتى بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ بارلىق كۆچمە ئالاقە يانفون ئابونتلىرىغا قارىتا پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تور ئېقىم مىقدارى بىر پەسىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، شۇنداقلا بۇ خىل تور ئېقىم مىقدارى تور تۈرىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، 2G、3G تورى شۇنداقلا 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتەلەيدىكەن. بۇ خىل مۇلازىمەتنى بېجىرگەن يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ يانفون تور ئېقىم مىقدارىنىڭ ئاي ئاخىرىدا بىراقلا بىكار قىلىنىپ تازلىنىۋېتىلىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، خۇبىي ئۆلكىلىك كۆچمە ئالاقە شىركىتى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى بولسا يانفون ئابونتلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچ ئابونتلىرى (يەنە تورغا چىقىش كارتىسىدا تورغا چىققۇچىلار قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، يانفون ئابونتلىرى ئادەتتە 60 يۈەنگە 450MB لىق پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى، 90 يۈەنگە 1.5GB لىق پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى، 120 يۈەنگە 2.1GB لىق پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى ئېچىپ ئىشلىتەلەيدىكەن. كۆچمە ئالاقە يانفون ئابونتلىرى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خۇبىي كۆچمە ئالاقە شىركىتى بېكىتكەن كۆچمە ئالاقە تىجارەت زاللىرىغا بېرىپ يۇقارقى پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى بېجىرسە بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مۇلازىمەت ئابونتلار بېجىرگەندىن كېيىنكى ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ خىل پەسىللىك تور ئېقىم مىقدارىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بولسا تەبىئىي ئۈچ ئاي بولىدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203