رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 113 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيا بانكىسى: جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ يىل ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : oversea.huanqiu.com

ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەنزۇچە تورىدا 30- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «دۇنيا بانكىسى: جۇڭگو بۇ يىل جاھاندىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى مۇمكىن»، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دۇنيا بانكىسى 30- ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، دۇنيا ئامېرىكا ھازىر جاھاندىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كۆلىمى جۇڭگونىڭ كەينىدە قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇنداق ھالقىش كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىياسىدىن خېلىلا بالدۇر كەلگەن بولىدۇ. ئامېرىكا 1872- يىلىدىن بۇيان ئەنگلىيەدىن ئېشىپ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ كەلگەنىدى. كۆپ ساندىكى ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى 2019- يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قىياس قىلىشقانىدى.

يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنيا بانكىسى خەلقئارا سېلىشتۇرما پىلان ئورنى تۈزگەن بولۇپ، پۇلنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى سېتىۋېلىش كۈچىگە قارىتا ئەڭ نوپۇزلۇق مۆلچەر ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تارماقلار ۋە خۇسۇسىي ئاپپاراتلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان. بۇ يەنە 2005- يىلىدىن بۇيان بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

سېتىۋېلىش كۈچى باھاسى ھەقىقىي تۇرمۇش تەننەرخىگە قارىتا مۆلچەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كۆلىمىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، بۇ كۆرسەتكۈچ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پېرېۋوت نىسبىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ، پېرېۋوت نىسبىتى تاۋارلار بىلەن مۇلازىمەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي تەننەرخنى ئىنتايىن ئاز ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچى ئاساسىدا چىقارغان مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2012- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 16 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، جۇڭگونىڭ 2012- يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولسا سەككىز تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

دۇنيا بانكىسى 2005- يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى تېخى ئامېرىكىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ، پەقەت %43 تىگىلا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىغانىدى. دۇنيا بانكىسى سېتىۋېلىش كۈچى ئارقىلىق باھا بېرىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇسۇلنى قوللىنىش، ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئامېرىكىدىن تېز بولغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇش ئارقىلىق، 2011- يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭ %87 تىگە يەتتى، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2011- يىلىدىكى ئەھۋالغا قارىتا دوكلاتىدا: ئامېرىكا ھېلىھەم يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئەمما سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە ئۆلچىگەندە، جۇڭگو ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ، دېيىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2011- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى %24 ئاشقان، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى بولسا ئاران %7.6 ئاشقان، شۇڭا بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203