رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 108 قېتىم كۈرۈلدى
شى جىنپىڭ گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com


 

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-مارت بېرلىنغا يېتىپ بېرىپ، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى گوۋك بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆرۈشۈشتە، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەك. يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ ئېلىپ كېلىش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مەنپەئەتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنى يېتىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو گېرمانىيە ھەمكارلىقى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش كەڭ دائىرىدە قويۇق ھەمكارلىشىشتەك دەرىجىگە تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ نەچچە ئون ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى شەكىللىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇھىم رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىشنى ساقلاشتا، 1-، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشنىشنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسلىلىرىگە باشتىن-ئاخىرى ھۆرمەت قىلىش كېرەك ، بۇ ئاچقۇچ. 2-، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك بۇ تايانچ. 3-، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ۋە ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. بۇ ئاساس.

گوۋك مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، گېرمانىيە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىغا دېققەت قىلىمەن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئىشىنىمەنكى جۇڭگو تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.

گېرمانىيە جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، 21-ئەسىردىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە خىرسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ. گەرچە گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، بىر بىردىن ئۆگىنىپ، بىر-بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىزچىل تۈردە ئېچىۋېتىش پوزىتىسىيەسى بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتكە مۇئامىلە قىلىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ھەمدە باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203