رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 310 قېتىم كۈرۈلدى
لېكساس LX570 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورلۇق ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :



ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا، لېكساس LX570 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورلۇق ئالاھىدە نەشىردىكى ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. يېڭى ئاپتوموبىلغا 5.7L لىق V8 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورر سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا سېتىلىدىكەن.



لېكساس LX570 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورلۇق ئالاھىدە نەشىردىكى ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى LX570 ئاساسىدا بىر ئاز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا كىرىش سالاسۇنى قارا رەڭدە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇمان چىرىقىنىڭ ئورنى قايتىدىن لاھىيلەنگەن، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدا SUPERCHARGER ئالاھىدە بەلگە چاپلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېڭى ئاپتوموبىلغا قارا رەڭلىك قوش بەش شادىلىق گەردىش سەپلەنگەن.




ئىچكى بېزەلمە جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزەلمىسىگە ئالاھىدە زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، ئىچكى بېزەلمىسى قارا ۋە قىزىل رەڭ ماسلاشتۇرۇلۇپ لاھىيلەنگەن بولۇپ، ياغاچ گۈللۈك بېزەكمۇ بېرىكتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىشىك راملىرىغا SUPERCHARGER ئالاھىدە بەلگە چاپلانغان.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە، LX570 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورلۇق ئالاھىدە نەشىردىكى ئاپتوموبىلىغا 5.7L لىق V8 مىخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 456 ئات كۈچى، بۇ ئەركىن ھاۋا سۈمۈرگۈچى ماتورلۇق ئادەتتىكى نەشىردىكى LX570 ئاپتوموبىلىدىن 89 ئات كۈچى يۇقىرى. ھەرىكەت ئۇزىتىش كۈچى جەھەتتە بۇ ماتورغا ئالتە سۈرئەتلىك قول ۋە ئاپتوماتىك خوت بىرلەشتۈرۈلگەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى سەپلەنگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203