رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 310 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قوزغاش ئىقتىدارى كۈچەيمەكتە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-05 -01
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

ئامېرىكىنىڭ ‹ خىرىستىئان دىنى پەن تېخنىكا ئەقلىيە سۆزلىرى گېزىتى› نىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر تور بىخەتەرلىكى شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئىران ئامېرىكىدىكى بىر قانچە ئېنىرگىيە شىركىتى شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تورىغا ئىزچىل ھالدا ھۇجۇم قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىراننىڭ ئامېرىكىغا بولغان تور ھۇجۇمى قوزغاش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ دوكلاتنى ئامېرىكىدىكى تور بىخەتەرلىكى شىركىتى-FireEye مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغانىكەن. بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى Mandiant شىركىتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قارىتا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقاتچى خادىملار بۇ تور ھۇجۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقانىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولغان بىر قېتىملىق تور ھۇجۇمىدا، خاككېرلار ‹ مۇشۇ يەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاش› تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق كومپىيوتېرلارغا يامان غەرەزلىك ۋىرۇس كىرگۈزۈپ، بۇ كومپىيوتېرلارنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇرغانىكەن. بۇ خاككېرلار يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ كومپىيوتېرلىرىدىن 150G دىن ئارتۇق گىرافىك ۋە ئابونتلار مەخپىي شىفىرى، شۇنداقلا باشقا سانلى مەلۇماتلارنى ئوغرىلاپ كەتكەنىكەن.
بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن روسىيىدىن كېلىدىغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ ۋەھىمىسى تېخىمۇ ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئىرانلىق خاككېرلارنىڭ ئامېرىكا تورىغا ھۇجۇم قىلىش كۈچىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن. گەرچە بۇ خاككېرلىق تور ھۇجۇمىنىڭ قوللانغان ۋاستىلىرى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلغان ياردىمىگە، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە روسىيىلىك خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى تېخنىكىسىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئىرانلىق خاككېرلار ئاللىقاچان مۇكەممەل ھالدىكى ھۇجۇم ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولغان، ئۇلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوزغاشتىكى ئىقتىدارى كۈنسايىن ئېىشىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203