رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 111 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو شېكەر ساھەسى چوڭ كۆلەمدە زىيانغا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو ساداسى «جۇڭگو خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋىرى» دا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا دۆلەت ئىچىدىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو شېكەر باھاسى تۆت يىل ئۇدا تۆۋەنلەپ، بۇ يىلغا كەلگەندە بولسا پۈتۈن ساھەدە چوڭ كۆلەمدە زىيان كۆرۈلگەن.

پۈتۈن دۇنيادىكى شېكەر ساھەسى مەھسۇلات ئېشىش قەدىمىگە قەدەم قويغانلىق سەۋەبىدىن، ئېھتىياج-تەمىنات تەڭپۇڭسىزلىنىپ، جۇڭگو ئىمپورت قىلغان شېكەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، چوڭ كۆلەمدىكى شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكىلەردىكى شېكەر باھاسى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم كارخانىلار ۋەيران بولغان، شۇنداقلار دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىقتىكى ئاكتىپچانلىقى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.

2010-يىلدىن كېيىن، خەلقئارا شېكەر ساھەسى مەھسۇلات ئېشىش دەۋرىگە قەدەم قۇيۇپ، سودا باھاسى ھەر قاداق 0.36 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن بولغان ۋاقتى 0.147 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى ئىلگىرىكى ھەر توننىسى يەتتە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باھادىن ئۇدا تۆۋەنلەپ تۆت مىڭ يۈەنگە چۈشۈپ قالغان، ھازىرقى باھا سەۋىيىسى بۇيىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن ساھەدە ئېنىق زىيان كۆرۈلۈپ، مۆلچەرلىنىشىچە زىياننىڭ كۆلىمى ئىككى مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

كرىزىسىگە دۇچ كەلگىنى پەقەت شېكەر قومۇشىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قىزىلچا شېكىرىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. بۇ ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا شېكەر قومىچى سورتىنىڭ ئېغىر چېكىنىشى، تېرىلغۇ يەر ئوزۇقلۇقى تەڭپۇڭسىز، ماشىنىلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، سۇ ئىشلىرى ئاساسىي ئەسلىھەسى نىسبەتەن ناچار، بولۇپمۇ چوڭ مىقداردا ئەڭ تۆۋەن باھادا شېكەر ئىمپورت قىلىش ۋە شېكەر ئەتكەس قىلىشنىڭ زەربىسىدە بولغان.

گۇاڭشى شېكەر ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت بۇنىڭغا زور كۈچ بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، تىز سۈرئەتتە يۇقىرى شېكەر مىقدارى ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساھەنىڭ خېيىم خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شېكەر ساھەسىنىڭ ئىمكانقەدەر بۇ قىيىنچىلىقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىپ، نورمال ساغلام تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك. گۇاڭدۇڭ شېكەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى لىيۇ خەندې مۇنداق دېدى، دۆلەت دېھقانلارغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىشى، ھەم دۆلەت دەرىجىلىك شېكەر ساھەسىنىڭ تەرەققىيات فوندىنى قۇرۇپ، شېكەر ئەتكەسچىلىكىگە قاتتىق زەربە بېرىشى، ھەم شېكەر ئىمپورتىنى ئازلىتىپ ساھەنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلىشىش مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بازارلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى چىڭ تۇتقان ئاستىدا، نۆۋەتتە شېكەر زاپىسىنى كىرگۈزۈش-چىقىرىش ، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەڭشەش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش سىياسىتى، كارخانا تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىپ، شېكەر مەنپەئەتىنى قوغدايمىز، دەپ كۆرسەتكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203