رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 6681 قېتىم كۈرۈلدى
تۇغۇلۇشىدىنلا ئاغزىنى ئاچالمايدىغان بالا قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-04 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 20-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، 10 ئايلىق بولغان ۋىيات (Wyatt) تولىمۇ ئوماق بىر بالا بولۇپ، بىراق مىدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنى قىينايدىغىنى شۇكى، ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ئاغزىنى ئاچالمايدۇ. داۋالىنىش ئۈنۈمسىز بولغاچقا، ۋىياتنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىندا بىر تور بېكىتى قۇرۇپ، دۇنيادا تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
ۋىيات ئالدىنقى يىلىنىڭ 6-ئېيىدا كانادانىڭ ئوتتاۋا (Ottawa) رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن، دوختۇر ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالمايدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىياتنىڭ ھەر ۋاقىت دىمى سىقىلىش خەۋىپى بار ئىدى.

ۋىياتنىڭ CT ۋە يادرو ماگنېتىك رېزونانسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپلا قالماي يەنە باشقا جەھەتتىكى ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىلىرىمۇ ناھايىتى نورمال ئىدى. دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ۋىيات «تۇغما چىشى كىرىشىپ قېلىش كىسەللىكى» گە گىرىپتار بولغان، بۇ تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بىر كىسەللىك بولۇپ، بەلكىم ئۈگە (بوغۇم) لار بىرلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ياكى بىر قىسىم كىرىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
دوختۇرلار ھازىر ۋىياتقا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاستىنقى جاۋغاي مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىياتنىڭ ئاغزى ئازراق بولسىمۇ ئېچىلىدىغان بولدى، بىراق بۇنداق ئۇسۇل ھەرگىزمۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. ۋىياتنىڭ دادىسى ئاندىرېۋ سىكوت (Andrew Scott) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بىز كۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ بالىمىزنى داۋالاتتۇق، بىراق يەنىلا ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى.

مەن ئايالىم بىلەن يېقىندا «ۋىيات نىمە بولدى.» دېگەن تېمىدا بىر تور بېكىتى قۇرۇپ چىقتۇق، بىز تورداشلارنىڭ بۇ تور ئارقىلىق بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تور ئادرىسى: WhatsWrongWithWyatt.com تونۇشتۇرىلىشىچە، دوختۇرلار بەلكىم ئومۇمىي مۇسكۇل مەسىلىسى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چققان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى، بىراق مۇسكۇللارنى قايتىدىن ئۆزگەرتىش ناركوز قىلىش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىيات ئاغزىنى ئاچالمايدىغان بولغاچقا، دوختۇرلار ناركوز قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203