رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
جىياڭسۇ فىڭشىيەن ناھىيەسىدە مەكتەپ ئاپتۇبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -13
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : www.hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

12-دېكابىر، سائەت 17دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۇ شەھىرىنىڭ فېڭشيەن ناھىيەسى شۇشيەن بازىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىنىشىچە، 13-دېكابىر سەھەر سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ۋەقەدە قازا قىلغانلار 15 ئادەمگە يەتكەن.

ئۇندىن باشقا فېڭشيەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شۇشيەن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 52 كىشىلىك مەخسۇس مەكتەپ ئاپتوبۇسى 47 ئوقۇغۇچىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان. سائەت 17دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ماشىنا جاڭخۇتۈن كەنتى ئەتراپىغا كەلگەندە، 29 ئوقۇغۇچى ئولتۇرغان بۇ ماشىنا بىر ئۈچ چاقلىق موتوسېكلىتتىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ، يول بويىدىكى پاتقاقلىققا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، 23 ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان. سائەت 21 ئەتراپىدا، 2 ئوقۇغۇچى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان؛ سائەت 22 دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، قازا قىلغانلار 12 گە يەتكەن.

ھازىر، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە. قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللىي بېرىش قاتارلىق ئاخىرەتلىك ئىشلار تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203