رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 331 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىملار تۇنجى ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار خىروموسومىنى سېنتىزلەپ چىقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -30
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

يېقىندا، بىر خەلقئارالىق تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئالىملار جانلىقلار سېنتىزلەش تېخنىكىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ تارىختىن بۇيان ئالىملارنىڭ تۇنجى بولۇپ ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار خىروموسومىنى سۈنئىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سېنتىزلەپ چىقىشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئالىملار بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك سېنتىزلەنگەن ھەقىقىي يادرولۇق جانلىق خىروموسومىنى پىۋە ئېچىتقۇسىنىڭ تېنىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ سۈنئىي سېنتىزلەنگەن خىروموسوم ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ پىۋە ئېچىتقۇسىنىڭ تېنىدە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغا ئېرسىيەت بولۇپ ئۆتەلەيدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، بۇ تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ يەنە سۈنئىي ئىنسان يارىتىش نىشانىغا قاراپ باسقان يېڭى قەدىمى بولۇپ قالالايدىكەن.
ئىلگىرى ئالىملار باكتىرىيە بىلەن ۋىرۇسلارنىڭ خىروموسومىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تەتقىق قىلىپ سېنتىزلەپ چىققان بولۇپ، لېكىن بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار خىروموسومىنى سېنتىزلەپ چىقىشى ئىكەن.
ئالىملار بۇ خىل ھەقىقىي يادرولۇق خىروموسومنى سېنتىزلەش جەريانىدا بىر بۆلەك- بىر بۆلەك گېنلارنى قايتا تۇتاشتۇرۇش ۋە قايتا تىزىش ئارقىلىق بۇ خىروموسومنى سېنتىزلەپ چىققان بولۇپ، ئاندىن بۇ خىل خىروموسومنى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈپ كۆزىتىش ئارقىلىق، سېنتىزلەنگەن بۇ خىل خىروموسوم بىلەن ھەقىقىي خىروموسومنىڭ فۇنكىسىيىدە ھېچقانداق ئوخشىماسلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بايقىغانىكەن. نەزەرىيە جەھەتتە، ئالىملار بۇ خىل سېنتىزلەنگەن خىروموسومنى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ تەن ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ خىل سېنتىزلەپ چىقىلغان خىروموسومنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىكەن شۇنداقلا يەنە بۇ خىل سېنتىزلەنگەن خىروموسوملارنى ئادەتتىكى خىروموسوملار ئىگە بولمىغان فۇنكىسىيىلەرگە ئىگە قىلىپ چىقىدىكەن. يەنە دېمەكچىكى، ئالىملار ھازىر بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەقىقىي يادرولۇق خىروموسومىنى سېنتىزلەپ چىقالايدىغان بولۇپ، ناۋادا ئالىملار ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش خىروموسومنى سېنتىزلەپ چىقسىلا، ئۇ ھالدا سۈنئىي جانلىق پەيدا قىلىش ھېچقانچە ئىش بولۇپ ھېساپلانمايدىكەن. لېكىن ئېنىقكى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203