رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
سامسۇڭ GEAR 2 ۋە GALAXY S5 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەشۋىق ئېلانىنى چىقاردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-03 -06
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.sina.com.cn

 

سامسۇڭ شىركىتى بۈگۈن دۇنياغا داڭلىق ۋىدىيو ئورتاقلىشىش تورى YouTube  دا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى تونۇشتۇرۇلغان ئىككى پارچە ۋىدىيونى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا سامسۇڭنىڭGALAXY S5  يانفونى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى GEAR 2  ۋە GEAR Fit  ناملىق تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىلەيزۈك قاتارلىقلار باركەن.
بۇ ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى ھەپتە ئېچىلغان MWC  چوڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، GALAXY S5 يانفونىدىكى Home  كۇنۇپكىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى كۇنۇپكىنى كۆپ خىل ۋەزىپە باشقۇرۇش كۇنۇپكىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى قوشقان؛ GEAR 2  ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىگە 1.63 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 320*320  گە يېتىدىكەن، چاستوتىسى1GHz بولغان قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 512MB  لىق ئىچكى ساقلىغۇچ،4GB  لىق ساقلاش بوشلۇقى ۋە300 مىللىيئامپېرلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا سۇ ۋە چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان؛ GEAR Fit ناملىق تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىلەيزۈكنىڭ ئېغىرلىقى 27 گىرام كىلىدىغان بولۇپ، ئەگمە يۈزلۈك ئىكران سەپلەنگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203