رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 354 قېتىم كۈرۈلدى
WMC 2014 دىن 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا نەزەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.ifanr.com

بۇ نۆۋەتلىك MWCدە بىز نۇرغۇنلىغان يېڭى يانفون ، تاختا كومپىيۇتېرلارنى كۆرۈپلا قالماستىن يەنە تېخىمۇ كۆپ بولغان 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى كۆردۇق.
ئەڭ ئاۋال MediaTEKيېڭى MT6732مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئېلان قىلدى ، بۇ بىر 1.5GHzبولغان تۆت يادرولىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇلۇپ ، ئالاھىدىلىكى بولسا AEM A53يادروسى ئاساسىدا لاھىىيلەنگەن. بۇ MediaTEKنىڭ تۇنجى 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ . GPUجەھەتتە ARMنىڭ Mail-T760نىڭ قوللانغان بولۇپ بولۇپ ئەڭ يېڭى OpenGL ES 3.0ۋە OpenCL 1.2نى قوللايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىكى Qualcommبولسا ئىككى ئاي بۇرۇن تۇنجى 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ Snapdragon 410نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، بۇ قېتىملىق MWCدا Snapdragon 610ۋە ھەقىقى سەككىز يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ Snapdragon 615قاتارلىق ئىككى يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلدى . ئۇلارمۇ ئوخشاشلا 64 خانىلىق قۇرۇلمىدا.
Ars Techina، ئالدىنقى ئەۋلاد Snapdragon 600غا سېلىشتۇرغاندا Snapdragon 610نىڭ ئەۋزەللىكى ARMv8بۇيرۇق توپى بولۇپ ، 64 خانىلىق قۇرۇلمىسى ئەمەس . ARMنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا، A7نىڭ ئورنىنى باسىدىغان Snapdragon 610قوللانغان A53 يادروسى تۆۋەن توك سەرپىياتىنى نىشان قىلىپ لاھىيلەنگەن ، شۇڭلاشقا ئىقتىدار جەھەتتە Krait300 قۇرۇلمىسنى ئاساس قىلغان ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلات Snapdragon 600گە يەتمەيدۇ دەپ قارىدى.
ھازىرچە مەيلى MediaTEKياكى Qualcommبولسۇن 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەممىسى ARM A53يادروسى ئاساسىدا لاھىيلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى بۇيرۇق توپىنى قوللىغىنى بىلەن 64 خانىلىق قۇرۇلما قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەھسۇلات ئۈچۈن ھېچقانداق ئەۋزەللىك يارىتالمايدۇ. ئەكىسچە Qualcommبۈگۈن ئېلان قىلغان Snapdragon 801يەنىلا 32 خانىلىق قۇرۇلما قوللىنىلغان . Qualcommغا نىسبەتەن بۇيىل يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىدىغان Snapdragon 810نىڭ تۇنجى ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىدىكى 64 خانىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ قېلىشدا ئۈمىد بار .

شۇڭلاشقا 2014-يىلدىكى كۆچمە ئۈسكىنە بازىرىدا «64 خانە» بەلكىم پەقەت تەشۋىقات سۆزىلا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203