رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 520 قېتىم كۈرۈلدى
تىموشېنكو ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

شۇ جاي ۋاقتى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئوكرائىنانىڭ پايتەختى كيېۋ، ئوكرائىنانىڭ سابىق باش مىنىستىرى تىموشېنكو (سولدا) ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇرنس بىلەن كۆرۈشتى.

يەر شارى تورى مۇىبىرى ۋۇ يۈەنچۈن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇرنس ئوكرائىنانىڭ پايتەختى كيېۋدا ئوكرائىنانىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ئوكرائىنادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ رەھبىرى يۇلىيە تىموشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
«ئوكرائىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ 26- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇرنس تىموشېنكونىڭ ئازادلىققا چىققانلىقىنى قۇتلىغان، ھەمدە تىموشېنكونىڭ ئوكرائىنانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇرنس يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررىنىڭ تىلىكىنى يەتكۈزگەن.
تىموشېنكو ئامېرىكىنىڭ ئوكرائىنانىڭ دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى. تىموشېنكو بىلەن بورنس ئوكرائىنانىڭ پايتەختى كيېۋدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە كرىزىسنى يېڭىشنىڭ يولى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى (2- ئاينىڭ 25- كۈنى)، بۇرنس ئوكرائىنادىكى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ياتسېنيۇك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوكرائىنانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئوكرائىنا پرېزىدېنتى يانۇكوۋېچ ياتسېنيۇكنى ئوكرائىنانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە قويۇش تەكلىپىنى بەرگەندە، ياتسېنيۇك بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن بۇرنس ئوكرائىنانىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر قوللانغان تەدبىرلەرنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوكرائىنانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىنچلىق ۋە ئوكرائىنا خەلقى ياۋروپادىن كۈتكەن ئۈمىدىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بىردەك ھالدا: دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوكرائىنانىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوكرائىنادا 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ھاكىمىيەت ئالماشتى. ئوكرائىنا ئالىي داراسى (پارلامېنت) يانۇكوۋېچنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى، ھەمدە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، 5- ئاينىڭ 25- كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەنگە قەدەر تۇرچىنوۋنى ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەيىنلىدى. مۇشۇ ھەپتە ئالىي رادا يەنە بىر قىسىم مىنىستىرلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يانۇكوۋىچ ئۆزىنىڭ ھېلىھىم قانۇنلۇق سايلانغان دۆلەت رەھبىرى ئىكەنلىكى، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش نىيىتى يوقلۇقى، ھەمدە ئالىي رادا ماقۇللىغان قارارنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. موسكۋانىڭ قارىشىچە، ئالىي رادانىڭ قارارىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىكەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203