رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ساقچى تەرەپ 100مىڭ يۈەن مۇكاپاتلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 






 

جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى تۇتۇش بۇيرۇقى
 

ئەتىگەنلىك خەۋەر، 2-ئاينىڭ13-كۈنى، جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى جىنايى ئىشلار رازىۋېتكا ئىدارىسى مىكرو بىلوگدا« جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى جىنايى ئىشلار رازىۋىدكا قىلىش ئىدارىسى» نامىدىكى ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىنى ئاچتى. مىكرو بىلوگ ئېچىلىپ 10 سائەتتىن كىيىن، ئورگان مىكرو بىلوگىدا بىرىنچى يۈرۈش تۇتۇش بۇيرۇقى« خېبىيدىكى بىرلىكتە قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى لى جىنبونى تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۇتۇش بۇيرۇقىدا قوشۇمچە قىلىپ لى جىنبونىڭ خۇسۇسىي ئەھۋالى ۋە خۇسۇسىي كىنشكا سۈرەتلىرىمۇ بار. لى جىنبو، ئەر، خەنزۇ، 1973-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 1.7مېتىر، چېچى ئاز، بەدىنى ئورۇق، خېبىي فۇنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى جىنايى ئىشلار رازىۋىدكا قىلىش ئىدارىسى ھەرقايسى رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى مەزكۈر تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن، دەرھال تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، جىنايەت گۇماندارى بايقالغاندا قولغا ئېلىپ، تېزلىكتە جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى جىنايى ئىشلار رازىۋىدكا قىلىش ئىدارىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، توردا بەس بەستە تارقىتىلىپ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر دىلونى ئېنىقلاپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى 6:00گىچە، بۇ مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى ئاللىقاچان توردا 500 قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىلغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203