رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
Windows Phone نىڭ ئالدىنقى يىلدىكى سېتىلىش مىقدارى % 91 ئاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : it.sohu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

Phone Arena نىڭ 2 -ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ، بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى( IDC ) 2013 - يىل تۆتىنجى پەسىللىك ۋە پۈتۈن يىللىق يانفون بازارلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆتكەن يىلى Windows Phone يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مېقدارى 2012 - يىلىدىكىدىن % 90.9 ئاشقان . بىراق بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەتكە تىزىلغان Android ۋە iOS يانفونلىرىغا قارىغاندا يەنىلا خېلى چوڭ پەرق بار .
2013 - يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە ، Windows Phone نىڭ سېتىلىش مىقدارى % 156 ئاشقان ، تۆتىنچى پەسىلدە % 46 ئاشقان . 2013 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ، Windows Phone يانفونلىرىدىن جەمئىي 33 مىليون 400 مىڭ دانە سېتىلغان .
گەرچە سېتىلىش مىقدارى كەڭ كۆلەمدە ئاشقان بولسىمۇ ، پۈتۈن بازاردىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى % 3.3 لا بولغان . ئۆتكەن يىلى ، Android يانفونلىرى % 78.6 لىك نىسبەت بىلەن يانفون بازارلىرىنى كونترول قىلغان . iOS يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش پەسىلدىكىدىن % 13 ئاشقان . لېكىن بازار ماس قىممىتى 2012 - يىلىدىكى % 18.7 دىن % 15.2 گە تۆۋەنلىگەن .

 

يەنە بىر جەھەتتىن ، قارا بۆلجۈرگەن داۋاملىق كەسكىن بولغان بازار رېئاللىقىغا يۈزلىنىشى كىرەك . 2013 - يىلى ، قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى % 40 تۆۋەنلىگەن ، بازار ماس قىممىتىمۇ % 4.5 دىن %1.9 قا تۆۋەنلىگەن .
ئۆتكەن يىلى ، پۈتۈن يەرشارىدىكى ئەقلىي يانفونلارنىڭ سېتىلىشى بىر مىليارددىن ئېشىپ سېتىلىش نىسبىتى % 39 ئاشقان .

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203