رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1304 قېتىم كۈرۈلدى
يانۋاردا ئىراقتىكى ھۇجۇم قىلىش ۋە توقۇنۇش ۋەقەلىرىدە 733 ئادەم ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-02 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

شىنخۇا تورى باغداد 1-فېۋرال تېلگىراممىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكى 1-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل يانۋاردا، ئىراقتىكى تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا 733 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 1229 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيىتتى. غەربىي قىسىمدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە مالىمانچىلىق يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقتىن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولمىغان، شۇڭا، مەزكۇر ئۆلكىدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى بۇ ستاتىسكىغا كىرگۈزۈلمىگەن.
ب د ت نىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ستاتىسكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل يانۋاردا، ئىراق چېگرىسى ئىچىدە (ئەنبار ئۆلكىسى بۇنىڭ سىرتىدا) يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى 618 نەپەر ئاددىي پۇقرا ۋە 115 نەپەر بىخەتەرلىك قىسىم ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پايتەخت باغداد شەھىرى جايلاشقان باغداد ئۆلكىسىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 297 ئادەم ئۆلۈپ، 585 ئادەم يارىلانغان.
بۇلتۇر يىل بېشىدىن بۇيان، ئىراقتا تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. ب د ت نىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ستاتىسكىسىغا قارىغاندا، بۇلتۇر ئىراقتا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا، 7818 نەپەر ئاددىي پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8818 ئادەم ئۆلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 18 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئەڭ كۆپ بىر يىل بولۇپ قالغان.
بۇلتۇر 30-دېكابىر، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادى ئەتراپىدا شۇ يەردىكى قەبىلە قوراللىقلىرى بىلەن توقۇنۇشتى. ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، زۇڭلى مالىكى بۇ ئۆلكىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردىن قىسىملارنى چېكىدۈرۈشنى جاكارلىدى. بۇ يىل 1-يانۋار، قەبىلە قوراللىقلىرى رامادى ۋە فەللۇجە قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىشنى باشلىدى. لېكىن، «بازا» تەشكىلاتى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىراق سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى ستاتىسكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 30-دېكابىردىن بۇ يىل 25-يانۋارغىچە، ئەنبار ئۆلكىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋە ھەربىي ھەركەتتە ئاز دىگەندىمۇ 125 ئادەم ئۆلۈپ، 541 ئادەم يارىلانغان.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203