نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 201 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستان روسىيەدىن سېتىۋالغان ‹‹ۋىكلامدىيا›› ناملىق ئاۋىئاماتكا روسىيەدىن ئايرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەلقئارا لېنىيىسى خەۋىرى: 26-نويابىر، ھىندىستان روسىيەدىن سېتىۋالغان ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىسى روسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر بىدىۋىنسىكتىن ئايرىلىپ ھىندىستان قاراپ يولغا چىققان.
ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىنى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى روسىيە تەرەپ ھىندىستان تەرەپكە رەسمىي تاپشۇرۇپ بەرگەن. موسكىۋا ۋاقتى 26-نويابىر ئەتتىگەندە، ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكا روسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر بىدۋىنىسىكتىكى شىمال تەرەپ كېمە ياساش زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىققان. يۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكا 11-ئاينىڭ 30-كۈنى روسىيە دېڭىز ساھىلىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستاندىكى يول ئۈستىدە 14 پورتتا توختايدۇ، كېلەر يىلى 2-ئايدىن بۇرۇن ھىندىستان بومبايغا يېتىپ بېرىش پىلانلانغان.
كېمىدە ھىندىستان ماترۇسلىرىدىن باشقا يەنە تەخمىنەن 180 نەپەر روسىيەلىك مۇتەخەسىس بار بولۇپ، ئۇلار كېمىنىڭ ھەر قايسى سېستېمىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىدۇ شۇنداقلا ھىندىستان تەرەپ ماتروسلىرىنىڭ توغرا مەشغۇلات قىلىپ، كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. قىسمەن خادىملار ھىندىستانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال روسىيەگە قايتىدۇ، قىسمەن خادىملار ھىندىستاندا قېلىپ ھىندىستان تەرەپنى ئاسراش، رېمۇنت قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىلگىرى ئىككى ئىسمى بار بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ بۇ ئاۋىئاماتكا باكو ناملىق ئاۋىئاماتكا دەپ ئاتالغان بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى تۆتىنچى ئېغىر تىپتىكى ئاۋىئاماتكىسى ھېسابلىناتتى، باكو ناملىق ئاۋىئاماتكىغا 1978-يىلى رەسمىي تۈر تۇرغۇزۇلغان ۋە قارا دېڭىز كېمە ياساش زاۋۇتى ياساشقا مەسئۇل بولغان، 1982-يىلى سۇغا چۈشۈرۈلۈپ، 1988-يىلىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن نامى گورشىكىف دېڭىز ئارمىيە گېنىرالى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى شىمال تەرەپ فىلوتىغا تەۋە بولغان.
1994-يىلى، روسىيە ھىندىستان تەرەپ بىلەن گورشىكىف دېڭىز ئارمىيە گېنىرالى ناملىق ئاۋىئاماتكا سېتىپ بېرىشكە ئالاقىدار سۆھبەت ئېلىپ بارغان، 2004-يىلى ئىككى تەرەپ ئاخىرى بىر تۈرلۈك ھۆكۈمەتلەر ئارا توختام ئىمزالىغان ۋە بۇ ئاۋىئاماتكىغا ئۆزگەرتىپ ياسىغاندىن كېيىن ھىندىستانغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان شۇنداقلا نامىنى ېىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكا دەپ ئۆزگەرتكەن.
ئەمما ھىندىستان تەرەپ ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىنى رېمۇنت قىلىش ۋە زامانىۋى ئۆزگەرتىش چىقىمىغا ئېھتىياجلىق بولغان، روسىيە تەرەپ يەنە كەلگۈسىدە ھىندىستانغا 16 دانە مىگ 29 ك ناملىق پاراخۇت ئايروپىلانى سېتىپ بەرگەندىن سىرىت يەنە ھىندىستان ئۈچۈن ئاۋىئاماتقا شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەپ، ھىندىستاننىڭ ئاۋىئاماتكا بازىسى قۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئەڭ باشتا توختام باھاسى 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئەمما 2007-يىلى روسىيە تەرەپ رېمونت ۋە ئۆزگەرتىش چىقىملىرىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىر توختام باھاسىنىڭ 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
رېمۇنت قىلىنغاندىن كېيىن ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلغان. سۇ چىقىرىش مىقدارى 45 مىڭ توننىغا، ئادەم سانى 2000 غا، ئەڭ چوڭ يۈرۈش سۈرئىتى 19.2 كىنوتقا يەتكەن. جەمئىي 30 دانە پاراخوت كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئېلىپ ماڭالايدۇ. روسىيە تەرەپ روسىيەنىڭ 20 يىللىق سۈپەت كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ۋىكلامدىيا ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ تاپشۇرۇلۇشى روسىيە ۋە ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار ساھە ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە روسىيە ۋە ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىدا چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن قورال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك روسىيەدىن سېتىۋېلىنغان. مەسىلەن، نەچچە يۈز T-90 تىپلىق تانكا، سۇ-30 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلار.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ