نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 774 قېتىم كۈرۈلدى
گىرمانىيەدىكى ئىككى پارتىيە بىرلەشمە كابېنت تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

شىنخۇا تورى بىرلىن 27-نويابىر تېلېگراممىسى: گىرمانىيە N-TV تېلېۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرمانىيە بىرلەشمە پارتىيىسى بىلەن خەلق پارتىيىسى ئالىي رەھبەرلىرى ۋە ئالىي ۋەكىللىرى شۇ كۈنى سەھەردە بىرلەشمە كابېنت تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىم مەزمۇنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت كابېنتى تەشكىللەش ۋە كەلگۈسى تۆت يىللىق مۇھىم سىياسىي پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېلىشىم بىرلەشمە پارتىيە ۋە خەلق پارتىيىسىدىكى 15 نەپەر يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ 17 سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە بېكىتىلگەن، ھازىرقى فېدراتسىيە زۇڭلىسى، ئاساسى خەلق ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى موكىر، ئاساسى جەمئىيەت ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى زىخوفىر شۇنداقلا خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كابولىر قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان، ئىككى پارتىيىدىكى 75 نەپەر يۇقىرى قاتلام ۋەكىل بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىغان. ئەمما كېلىشىمگە يەنە خەلق پارتىيىسى ئەزالىرى ئىپادە بىلدۈرىدۇ.
موكىر، زىخوفىر ۋە كابولىرلار شۇ جاي ۋاقتى 27-نويابىر چۈشتىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشمە كابېنت قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى.
گىرمانىيە N-TV تېلېۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن موكىر كەلگۈسىدە داۋاملىق ھالدا گىرمانىيە فېدراتسىيىسىنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك فېدراتسىيە كابېنتى ئىچىدە خەلق ئىتتىپاقى بەش ئورۇنى، جەمئىيەت ئىتتىپاقى ئۈچ ئورۇننى، جەمئىيەت خەلق پارتىيىسى ئالتە ئورۇننى ئىگىلىگەن. كونكرىت كابېنت ئەزالىرى تىزىملىكى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 2017-يىلىدىن بۇرۇن ئەڭ تۆۋەن مۇئاش، ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە 23 مىليارد ياۋرو چىقىم قىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە ھېچقانداق باج ئۆستۈرۈش سىياسىتى يوق.
بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە جەمئىيەت خەلق پارتىيىسى ئوتتۇرغا قويغان مەملىكەت بويىچە سائىتىگە 8.5 ياۋرولۇق ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمى 2015-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىمزالىغان ئەمگەك توختامى 2017-يىلىدىن بۇرۇن يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى سائىتىگە 8.5 ياۋرو بولىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ