داڭلىق مودا ناخشا چولپىنى مايكىل جېكسوننى بېخەستەن ئۆلتۈرۈپ قويغان دەپ كېسىم قىلىنغان مايكىل جېكسوننىڭ شەخسى دوختۇرى مولىرى يېقىندا مۇدەتتىن بۇرۇن تۈرمىدىن چىقتى ۋە تۇنجى قېتىم زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مايكىل جېكسون ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە مەس قىلىش دورىسىنى زىيادە ئۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن ئالەمدىن ئۆتكەن.
داڭلىق چولپان مايكىل جېكسون 2009-يىلى مەس قىلىش دورىسىنى زىيادە كۆپ ئوكۇل قىلىپ ئۇرغانلىقتىن قازا قىلغان، ئۇنىڭ شەخسى دوختۇرى مولىرىغا بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بېكىتىلىپ مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يېقىندا ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقان مولىرى تۈرمىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقتى ۋە تېكساس شىتاتىغا قايتىدىن دوختۇرلۇق كىنىشكىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇردى.
مولىرى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مايكىل جېكسون 2009-يىلى ناخشا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى، يەنە كېلىپ كەيپىيات مەسىلىسى ئۇنىڭدا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ شۇ سەۋەپتىن مەس قىلىش دورىسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندىلا ئاندىن ئۇخلىيالايتتى. مولىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئەمەلىيەتتە جېكسوننىڭ مەس قىلىش دورىسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشىنى ئانچە خالىمايتتىم، چۈنكى بۇ خىل دورا 10 مىنۇتتىن كېيىن رولىنى يوقىتاتتى. مەنمۇ جېكسونغا ئۇ تەلەپ قىلغان مىقدارنى بېرىشنى رەت قىلغان ئىدىم، ئەمما مەن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئوكۇلنى زىيادە ئۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنىڭ توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېمەك جېكسون ئۆزىنى ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن.
جېكسوننىڭ ئانىسى كايبىلىن ۋە ئۈچ بالىسى 2010-يىلى 9-ئايدا جېكسوننىڭ ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگۈچى ۋاستىچى شىركەت AEG نى ئەرز قىلىپ، لوندۇندىكى ناخشا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە مولىرىنى جېكسوننىڭ شەخسى دوختۇرى قىلىپ ياللىغان، ئەمما مولىرى ياخشى نازارەت قىلمىغاچقا جېكسون دورىنى زىيادە ئىستېمال قىلىۋېلىپ قازا قىلغان دەپ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلغان. ئەمما زاستاتىللار ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرى جېكسون جەمەتىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.