نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 4779 قېتىم كۈرۈلدى
كىچىك قىزلارغا بىر نەچچە قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان ئەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : law.iyaxin.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، مۇخبىر كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چۈشۈرگەن ئۆلۈمنى ئىجرا قىلىش پەرمانىغا ئاساسەن، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن، باسقۇنچىلىق قىلغان ياڭفەننىڭ سالاھىيىتى دەلىللىنىپ، جازا مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 32 ياشلىق ياڭفەن كۆكخوت شەھىرىدىن، 2008 –يىل 5 –ئاينىڭ 20 –كۈنى سائەت 18 دە، ئۇ يۈچۈەن رايونى شياۋخېيخې بازىرى شياۋخېيخې كەنتىدىكى لى فامىلىلىك قىز (قىز، ئۆلگەن ۋاقتىدا توققۇز ياشقا كىرگەن) نى تۇتقۇن قىلىپ، مەزكۇر كەنتتىكى بىر بىنانىڭ يەر ئاستىدىكى بىر قۇرۇق ئۆيدە بۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان. لى فامىلىلىك قىز قۇتقۇزۇڭلار دەپ توۋلىغاندىن كېيىن جىنايىتىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ياڭفەن يەردىن بىر خىش پارچىسىنى ئېلىپلا لى فامىلىلىكنىڭ بېشىغا ئۇرۇۋەتكەن، ھەمدە يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن پىچاقنى لى فامىلىلىكنىڭ كۆكسىگە تىقىۋەتكەن، كېيىن يەنە بۇ قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكەن. لى فامىلىلىكنىڭ مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەنلىكى ئۈچۈن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ شۈك بولۇپ ئۆلگەن. 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سائەت 16 دە، ياڭفەن يەنە سەيخەن رايونىدىكى بىر كىچىك كەنتنىڭ جەنۇبىدىكى توپىلىق يول ئەتراپىدا، شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خۇ فامىلىلىك (ئايال، 24 ياش) ئايالنى تۇتقۇن قىلىپ، يول بويىدىكى بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان، خۇ فامىلىلىكنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياڭفەن جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، پىچاقنى خۇ فامىلىلىكنىڭ كۆكرىكى، دۈمبىسىگە بىر نەچچە يەرگە تىقىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن خۇ فامىلىلىك ئۆلگەن. 2008 – يىل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭفەن خۇيزۇلار رايونىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىغان كەلگەن، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇ فامىلىلىك (قىز، يەتتە ياش) قىزنى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئالداپ كىرىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سائەت 19 دا، ياڭفەن بىلەن جاۋ فامىلىلىك (ئاللىقاچان جازا ھۆكۈم قىلىنغان) ئىككىسى باسقۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاپ، سەيخەن رايونىدىكى بىر كىچىك كەنتنىڭ توپىلىق يولىدا پەيت كۈتۈپ تۇرغان، ياڭفەن پىچاق بىلەن شۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۈن فامىلىلىك (قىز، 14 ياش) قىزنى تۇتقۇن قىلىپ، يول ياقىسىدىكى قۇم دۆۋىسى كەينىدە سۈن فامىلىلىكنى ئۇرغان، ياڭفەن بىلەن جاۋ فامىلىلىك ئايرىم ئايرىم ھالدا بۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان. ھەمدە ئىشنى تۈگىتىپلا نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ، ياڭفەننى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈپ جازاسى بەردى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى؛ باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلدى، ھەمدە ئىككى جىنايەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ياڭفەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، ياڭفەن ھۆكۈمگە قايىل بولماي، يۇقىرىغا ئەرز سۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى 2011 –يىل 3 –ئاينىڭ 25 –كۈنى جىنايى جازا كېسىمى چىقىرىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، قايتا سوت ئاچماقچى بولدى، كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى بۇ دېلوغا قايتىدىن ھۆكۈم چىقاردى، ياڭفەن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسۇن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن؛ باسقۇنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسۇن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن، ئاندىن ئىككى جازانى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا كېسىم ئېلان قىلدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203