نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 842 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى جۇڭگوغا ئۇچۇش پىلانى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.gmw.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى» ۋە ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 26-نويابردىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشىدا، ياپونىيەدىكى ئۈچ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 26-ئۆكتەبر جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرماقچى بولغان ئۇچۇش پىلانىنى تاپشۇرۇش تەلىپىگە قۇلاق سالمىغان. ياپونىيە ئىچكى كابېنتى باشلىقى جىيەنيى ۋېي (Jian Yiwei) شۇ كۈنلۈك چۈشتىن بۇرۇنقى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:« جۇڭگو تەرەپ ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ ياپونىيەگە ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق، شۇڭلاشقا ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇش پىلانىنى تاپشۇرۇشىنى رەت قىلىمەن

 

Www.AnAdiyar.Cn

بىراق، ANAئاۋىئاتسىيە شىركىتى، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيىسى ۋە Peachئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوغا ئۇچۇش لايىھەسى تاپشۇرغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو تەسىس قىلغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونىنىڭ ھېچقانداق تەسىر كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە ئۇچۇش پىلانى تاپشۇرۇشنى توختىتىش بۇيرۇقى بەرگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ