نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 778 قېتىم كۈرۈلدى
موناكو ۋە گالاتا ساراي كۇلۇپلىرى بالوتىلىنى يۆتكەشنىڭ كويىغا چۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۆۋەتتە ئا س مىلان كوماندىسى ئومۇميۈزلۈك قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. يىقىندىلا ئاخىرلاشقان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانمىسىدا ئۇلار ساھىپخان مەيداندا رېنايا كوماندىسى بىلەن 1-1 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن مىلان ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە يىڭەلمەسلىك تەقدىرىگە دۇچار بولدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن بالوتىلى مۇسابىقىدىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىلوگىدا «بۇ ئەڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى» دەپ سۆز قالدۇرغان بولۇپ،تاراتقۇلار بۇ سۆزنىڭ بالوتىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئا س مىلاندىكى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەرگەن يوشۇرۇن بىشارىتى ياكى ئالىگىرىنىڭ مىلاندىكى كۈنلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىۋاتقاندا، ئىتالىيە «پۇتبول بازىرى» تورى نۆۋەتتە فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى موناكو كۇلۇبى ۋە تۈركىيەدىكى زەردار كۇلۇپ گالاتا ساراي كۇلۇبىنىڭ بالوتىلىنى يۆتكەشكە تەييارلانغانلىغىنى، بۇ سودىنىڭ ئەڭ تىز بولغاندا قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.
ئىگىلىنىشچە، مىلان كۇلۇپ تەرەپمۇ بالوتىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىپادىسىدىن بەك نارازى ئىكەن، بالوتىلى دائىم مەشىققە كىچىكىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەشقاۋۇل ئالىگىرى ئىنتايىن غەزەپلەنگەن، بالوتىلىمۇ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا مەشقاۋۇلنىڭ نوپۇزىغا قارشى چىققان بولۇپ، بالوتىلىنىڭ توختىماستىن ئىش چىقىرىشىدىن مىلاننىڭ يۇقىرى قاتلىمى بەكلا نارازى بولغان،ئۇنىڭغا نىسبەتەن مىلان مەستانىلىرىنىڭمۇ پىكىرى چوڭ بولغاچقا ، كۇلۇپ تەرەپ ئۇنى سىتىۋېتىش قارارىغا كەلگەن.
ئەمەلىيەتتە ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بالوتىلىنىڭ موناكو ياكى گالاتا ساراي كوماندىلىرىغا يۆتكىلىش خەۋىرىنى تارقىتىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. ئالدى بىلەن بۇ ئىككى زەردار كۇلۇپنىڭ ھىچقايسىسىدا پۇل كەم ئەمەس،موناكو كوماندىسى فالكاۋنى قوشىۋالغاندىن كىيىن، يەنە پارىژ سانىت گىرمان بىلەن رىقابەتلىشىش مەقسىتىدە بۇ يىل قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە يۆتكىلىش بازىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ كىرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ. گالاتا ساراي كۇلۇبىنىڭ بولسا نۆۋەتتىكى نەتىجىسى تازا گەۋدىلىك ئەمەس، ئۇلار قىشلىق يۆتكىلىشتە ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك ماھىر كىرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ. بالوتىلى ھەر جەھەتتىن تۈركىيە زەردارىنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ