نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 3774 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا ئۈچ نەپەر قىزچاق دادىسى تەرىپىدىن ئىككى يىل سولاپ قويۇلغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-نويابىر تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئېلىسانا شىتاتى توسىن شەھىرىدىكى بىر ئۈچ نەپەر قىزچاق ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنغىلى ئىككى يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىندا قولغا ئېلىنغان.
ئايرىم-ئايرىم 12 ياش ۋە 14 ياشقا كىرگەن ئىككى قىزچاق توسىن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ خوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ياردەم سورىغان. ساقچى تەرەپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئىككى قىزچاق، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەي دادىسىنىڭ پىچاق بىلەن ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ساقچى تەرەپ بۇ ئائىلىگە يېتىپ كېلىپ ئۆيدىن ئۈچىنچى بىر 17 ياشلىق قىزنى بايقىغان، بۇ قىز بىر ئېغىزلىق ھۇجرىغا سولاپ قويۇلغان ئىكەن.
ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: 34 ياشلىق ئۆگەي دادا فېرناندو بىلەن 32 ياشلىق ئانا سوفىيا تۇتقۇن قىلىش، ئۆسمۈرلەرنى روھى جەسەتتىن خورلاش، جىسمانى جەھەتتىن قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك جىنايەتكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
فېرناندۇ يەنە 15 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنى جىنسى جەھەتتىن خورلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەن. ئۈچ قىزچاقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇپ، ئىچكى ئەزالىرىمۇ زەخمىلەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالتە ئايدىن بۇيان پەقەت يۇيۇنۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىككى ياش قىزچاقمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەدىسىنىڭ يالغۇز بىر ئېغىزلىق ئۆيگە قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى كۆرمىگىنىگە ئىككى يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203