نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 238 قېتىم كۈرۈلدى
تۇغۇلغاندا ئالماشتۇرىۋېتىلگەن ئەر 60 يىلدىن كېيىن تۆلەمگە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-نويابىر تېلگىراممىسى. ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدە 60 ياشلىق بىر ئەر تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىكتىن ھاياتىم قالايمىقانلىشىپ كەتتى دىگەننى سەۋەپ قىلىپ، ئۈچ نەپەر ئۆز ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە دوختۇرخانىنى سوتقا ئەرز قىلغان، ھەمدە، 250 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 15 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. توكيو يەرلىك سوت مەھكىمىسى 26-نويابىر مەزكۇر دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئالماشتۇرىۋەتكەنلىك خاتالىقىنى ئېتراپ قىلغان ھەمدە، دوختۇرخانىنى جەمئىي 38 مىليون ياپونىيە يېنى تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان.
ھۆكۈمنامىگە قارىغاندا، بۇ ئەر 1953-يىلى توكيونىڭ سۇمىدا رايونىدىكى تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان، تۇنجى قېتىم يۇيۇلغاندىن كېيىن باشقا بىر ئانىغا بېرىۋېتىلگەن. بۇ ئەر ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، نوپۇسىدىكى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ بىر تەرەپتىن زاۋۇتتا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپ تۈگەتكەن. كېيىن تىرانسىپورت شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. يەنە بىر نەپەر يېڭى تۇغۇلغان بالا بولسا ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ تۈگەتكەن. 2009-يىلى، تەققى-تۇرقىدىكى پەرقتىن گۇمانلانغان ئىنىسى DNAتەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى دەلىللىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىدىكى تىزىملىك قاتارلىقلارنى ئىزدەپ ئۆز ئاكىسىنى تاپقان، 2012-يىلى مۇشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
سوتچى مىياساكا.ماساتوشى ھۆكۈمنامىدە، بۇ ئەر «ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشتىن مەھرۇم بولۇپ، زور روھىي ئازاپقا ئۇچرىغان. ئۇزۇن يىلغىچە ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغان. ئاتا-ئانىسى ھازىر ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۆكۈنۈش ھېسىياتىنى ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ