نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 16956 قېتىم كۈرۈلدى
سەككىز ياشلىق سىڭلىسىنى ئۆلتۈرگەن بالا سوتتا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 15-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا شىمالىي كالىفورنىيە شىتاتىدا 12ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئۆز ئۆيىدە سەككىز ياشلىق سىڭلىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يالغان گەپ توقۇغاچقا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 15-چىسلا سوت قىلىنغان.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇچۇر تورى CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كالىفورنىيە شىتاتى مەلۇم بىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سوت مەھكىمىسى 15-چىسلا سوت ئاچقان ۋاقىتتا، جىنايەتچىلەرنىڭ يىشىل رەڭلىك كىيىمىنى كىيىۋالغان 12 ياشلىق بۇ ئوغۇل بالا سوتقا ناھايىتى قىسقىلا قاتناشقان بولۇپ، سوتچى پەقەت ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ نىمىشقا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان، ئۇ ئوغۇل بالا «بىلىمەن.» دەپ جاۋاب بەرگەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوت جەريانىدا ئۇنىڭدا جىددىيلىشىش، قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگە بولۇپ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە سوقتا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئولتۇرغان ئاتا-ئانىسىغا بىر قانچە قېتىم قايرىلىپ قاراپ قويدى.
شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي كەچتە كارۋىلاس شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ ، ساقچى باشلىقى گېس.كۇنس ئاشكارىلاپ ، ساقچى تەرەپنىڭ 11-ماي كەچ سائەت بەشتىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە 12 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى قولغا ئالغانلىقىنى، سەۋەبى، ئۇنىڭ 27-ئاپرىل ئۆز ئۆيىدە سەككىز ياشلىق سىڭلىسى لارا.فۇللېرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن . بىراق ئۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان .
شۇ جايدىكى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 4- ئاينىڭ 27-كۈنى شىمالىي كالىفورنىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر بازاردا ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان سەككىز ياشلىق قىز ئۆز ئۆيىدە سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ 12 ياشلىق ئاكىسى ساقچىلارغا ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر كالتەك توپ مۇسابىقىسى كۆرگىلى كەتكەنلىكىنى ، بىر ئاق ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغان ئىگىز بويلۇق ئەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى ، ئۇ قورقۇپ باشقا بىر ئۆيگە مۈكۈۋالغانلىقىنى ، كېيىن سىڭلىسىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بايقاپ دۇختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ يالغان سۆزلىگەن.

 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازار سان-فرانسىسكونىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە 178 كىلومىتىر كېلىدىغان بولۇپ ، نۇپۇسى تەخمىنەن 3500 ئەتراپىدا . بۇ دىلو شۇ جايدا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ ، نەچچە يۈز كىشى فۇللېر ئوغۇغان مەكتەپكە كېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتقان .
ساقچى تەرەپ دىلو يۈز بېرىپ 15 كۈنگىچە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ، لىكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ بۇلانغانلىقى ياكى بىرەرسىنىڭ بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ساقچى تەرەپ بۇ دىلو ئۈچۈن 2200 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ 300 نەچچە ئاھالىنى تەكشۈرگەن ، ھەرخىل تىغلىق سايمانلارنى تەتقىق قىلىپ ، زادى قايسىسىسنىڭ فۇللېرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغانلىقىنى تەكشۈرگەن ، ھەتتاكى غەۋۋاسلارنى ئەۋەتىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى سۇ ئامبىرىدىن دەلىل-ئىسپات ئىزدىگەن ، ئەمما ئاخىرىدا مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203